تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتى قاتتىق جىددىيلەشتى

28-نويابىر خىتاينىڭ 27 ھەربىي ئايروپىلانى تەيۋەننىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرگەن بولۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئالدىنقى يەكشەنبە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ 27 ئايروپىلانى تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇب ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا بېسىپ كىرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ماي توشۇغۇچى-20 تىپلىق ئايروپىلانمۇ تەيۋەننى تۇنجى قېتىم پاراكەندىچىلىك سالغان.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چيۇ گوجېڭ بۈگۈنكى باياناتىدا: «خىتاينىڭ دائىم ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتىپ، تەيۋەننى قالايمىقانلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى تەيۋەننىڭ ھەربىي كۈچىنى خورىتىش، ئەمما تەيۋەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك قارشى تۇرۇش پىلانى بار» دېگەن ۋە: «يېقىندىن بۇيان دۈشمەن ۋەزىيەتنى توختىماي قالايمىقان قىلماقتا، بۇ خىل ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىرلاشتى» دېگەنلەرنى ئىلاۋە قىلغان.

ئۇ يەنە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «كوممۇنىست ئارمىيەسىنىڭ مۇددىئاسى ئاستا-ئاستا تەيۋەننىڭ كۈچىنى خورىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئارمىيەمىز سېنىڭ كۈچۈڭ بولسا، بىز قارشى تۇرالايمىز، پىرىنسىپى بويىچە تەدبىر قوللانماقتا» دېگەن.

تەيۋەن ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى 28-نويابىر خىتاي ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ھاۋا ساقچىسى-500 تىپىلىق ئايروپىلانى ئىككى قېتىم، توشۇغۇچى-9 خەۋەرلىشىش ئايروپىلانى بىر قېتىم، بومباردىمانچى-6 تىپلىق ئايروپىلان بەش قېتىم، ماي قاچىلىغۇچى 20 تىپلىق ئايروپىلان بىر قېتىم، قىرغۇچى-10 تىپلىق ئايروپىلان ئالتە قېتىم، قىرغۇچى-11 تىپلىق ئايروپىلان تۆت قېتىم، قىرغۇچى J-16 ئايروپىلان سەككىز قېتىم تەيۋەن ھاۋا بوشلۇقىغا بېسىپ كىرگەن.

تەيۋەن ھەربىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەن ھاۋا ئارمىيەسى ھاۋا چارلاش ئەترىتى ئەۋەتىپ، ئايروپىلانغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش تەدبىرىنى قوللانغان.

بۇ خەۋەر 767 قېتىم كۆرۈلدى
29/11/2021 15:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق