ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئانا-بالىلار كىتاب يەرمەنكىسى ئېچىلدى

ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفىنىڭ زالىدا «ئۇيغۇر ئانا-بالىلار كىتاب يەرمەنكىسى» ئېچىلدى.

يەرمەنكىنى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئالىيە خانىم تەشكىللىگەن بولۇپ، 27-، 28-نويابىر ئىككى كۈن داۋام قىلدى. كۆپلىگەن ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولۇشىغا قارىماي، يىراقتىن كېلىپ يەرمەنكىنى زىيارەت قىلدى. يەرمەنكىگە قاتناشقان بالىلار يۈز بوياش، «كىم تاپالايدۇ؟» مۇكاپاتلىق سوئال-جاۋاب پائالىيىتى، رىتىم ئويۇنلىرى،  «مەسەلچى ئانىدىن ئوماقلارغا بىر مەسەل»، كوللېكتىپ رەسىم بوياش قاتارلىق ھەر خىل ئويۇنلار ۋە پائالىيەتلەرگە تەشكىللەندى.

بۇ قېتىملىق يەرمەنكىگە «ساغلام رىشتە» ناملىق كىتابنىڭ نەشرىدىن چىققانلىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، مەزكۇر كىتابنىڭ تەرجىمانى گۈلباھار مۇئەللىم، مەتبەئەچىلىك ۋە ئېلانچىلىق ئىشلىرىدا ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان بىلىگيار شىركىتى، شۇنداقلا بالىلار ئۈچۈن تۈرلۈك رەخت كىتابلارنى ئىشلەپ كېلىۋاتقان مەريەم خانىم قاتارلىقلارمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالىيە خانىم بۇ قېتىملىق يەرمەنكىنىڭ ئۇيغۇر ئانىلار ۋە بالىلارغا ئۈمىد، ئىشەنچ، پىداكارلىق، تىز پۈكمەس روھ بېغىشلاش مەقسىتىدە تەشكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن ئىزدەنگەن كىتاب-ماتېرىياللارنىڭ سېتىش ۋاكالەتچىسى بولۇپ، ئۇيغۇر ئانىلارغا ئەرزان باھادا يەتكۈزۈپ كەلگەنلىكىنى، بۇ خىزمەتلەرنى قىلىشتا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلەش ۋە ئويغىتىش، كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشالايدىغان كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.

ئالىيە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە تەخمىنەن 100 مىڭ لىرا قىممىتىدىكى كىتاب-ماتېرىياللار سېلىنغان بولۇپ، ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئىنگلىز تىلى ئۆگىتىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولغانلىقى سەۋەبلىك، بىر تۈركۈم ئىنگلىزچە كىتابلارمۇ قويۇلغان.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىردا يەنە يەرمەنكىنى تەشكىللەشكە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلغان شەخس ۋە تەشكىلاتلارغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 2813 قېتىم كۆرۈلدى
29/11/2021 17:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق