خىتاينىڭ يەنە بىر تۈركۈم «مۇتلەق مەخپىي» ھۆججىتى ئاشكارىلاندى

گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز بۈگۈن تىۋىتتېر ھېسابىدا خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار بىر تۈركۈم «مۇتلەق مەخپىي» ھۆججىتىنى ئاشكارىلىدى.

يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇس چەكلەش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، بالىلار لاگېرى تەسىس قىلىش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى ھەققىدە كۆپلىگەن نوپۇزلۇق دوكلاتلارنى ئېلان قىلىپ، خەلقئارادا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز بۈگۈن تىۋىتتېردا خىتاينىڭ بىر تۈركۈم «مۇتلەق مەخپىي» ھۆججىتىنى ئاشكارىلاپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتى بىلەن خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بىۋاسىتە مۇناسىۋىتىنى يورۇتۇپ بەردى.

317 بەتلىك مەزكۇر مەخپىي ھۆججەتلەر بۇ يىل 9-ئايدا ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان شەخس تەرىپىدىن لوندوندىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»گە تاپشۇرۇلغان بولۇپ، سوت كوللېگىيەسى بۇ ھۆججەتلەرنى تەھلىل قىلىشنى ئادرىيان زېنزغا ھاۋالە قىلغان. ھۆججەتلەرنىڭ كۆپلىگەن بەتلىرىگە «مۇتلەق مەخپىي» دەپ تامغا ئۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ 2014-يىلىدىن تارتىپ ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار باياناتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئادرىيان زېنزنىڭ مەزكۇر ھۆججەتلەرگە ئاساسلىنىپ ئېيتىشىچە، 2016-يىلىدىن بۇيان شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ قاتارلىق خىتاينىڭ بىر نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا باستۇرۇش سىياسىتى ئىجرا قىلىشنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تەلەپ قىلغانلىقىنى، باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، ئەمگەك كۈچىنى مەجبۇرىي يۆتكەش، بالىلار لاگېرى ۋە تۇغۇت چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە شى جىنپىڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سۆزلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مەخپىي ھۆججەت شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلىدىكى ئۈچ پارچە نۇتقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماش، زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشلىتىش ۋە نوپۇس كونترول قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ نىسبىتىنى كۈتكىنى بويىچە «تەڭپۇڭلاشتۇرۇش» قاتارلىق تېررور سىياسىتىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن.

مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ بىرسىدە خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا خىتايلارنىڭ نوپۇس نىسبىتىنىڭ ئالاھىدە تۆۋەن ئىكەنلىكىدىن بىئارام بولغانلىقى، بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 2022-يىلىغىچە 300 مىڭ خىتاينى جەنۇب تەرەپكە يەرلەشتۈرۈش كېرەكلىكى، ئۇلارنىڭ دىۋىزىيە تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسمى نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى 2019-يىلى ئېلان قىلغان خىتاينىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى بىلەن ئوخشاش ئىكەن، ئەمما يەنە بىر قىسمى بۇندىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىپ باقمىغانىكەن. ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى تەمىنلىگۈچىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەزكۇر ھۆججەتلەرنىڭ پەقەت ئاز بىر قىسمىنى، بەزى خۇلاسە ۋە تەھلىللەرنى ئېلان قىلغان. بۇ ھۆججەتلەر ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن.

بۇ خەۋەر 1612 قېتىم كۆرۈلدى
30/11/2021 12:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق