قورچاق ئەمەلدارلار مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىنى ئىنكار قىلدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە لاگېر تۇتقۇنلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇندى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ساختا تەشۋىقاتىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتكەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دائىرىلىرى 27-نويابىر شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە ئالاقىدار مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان.

يىغىندا ئاۋات ناھىيەسى باغتوغراق يېزىسى ئۈستۈنكى دۆڭمەھەللە كەنتى مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابدۇرېھىم راخمان، شيېشىن يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەشغۇلاتچىسى زۇلپىيە ئەخمەت قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتۇرۇلغان. ئۇلار يىغىندا: «ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم غەرب ئەللىرى ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىندى، دېگەن باھانە بىلەن پاختىچىلىق كەسپىنى چەكلەپ زىيان سالدى. بىز بۇ يەردە مەجبۇرىي ئەمگەك دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىدۇق، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز بەختلىك» دەپ يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلانغان.

يىغىن ئاخىرىدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ ئاخبارات باياناتچىسى قورچاق ئەمەلدار ئېلىجان ئىنايەت نۆۋەتتە خەلقئاراغا پۈتۈنلەي ئاشكارىلىنىپ بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىنى ئىنكار قىلىپ: «ئامېرىكا ۋە غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئويدۇرۇپ چىقاردى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى ياشاش ھوقۇقى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، نامراتلىشىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش» دەپ بىلجىرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلگەن بىر پەيتتە، خىتاي رېجىمىنىڭ ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يالغان تەشۋىقاتلارنى قاتتىق كۈچەيتكەنلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا قاراتقان ئېمبارگوسىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرسەتكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبلىك خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1216 قېتىم كۆرۈلدى
30/11/2021 14:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق