باربادوس ئەنگلىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى

كارىب دېڭىزىغا جايلاشقان باربادوس مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كارىب دېڭىزىدىكى ئارال دۆلىتى باربادوس پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ،  30-نويابىر ئەنگلىيە ئايال پادىشاھ ئېلىزابېتنىڭ دۆلەت رەھبىرىلىك سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، باربادوس جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى ۋە دۆلەتنىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەنگلىيەنىڭ تۇنجى پاراخوتلىرى باربادوسقا بېسىپ كەلگىنىگە 400 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولۇپ، بۇ دۆلەت ئاخىرى ئەنگلىيە مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يېڭى باربادوس جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى يېرىم كېچىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، يۈزلىگەن كىشىلەر پايتەخت بىرىگېتنوۋدىكى چامبېرلىن كۆۋرۈكىگە يىغىلىپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەپ تەنتەنە قىلىشقان. ئادەم كۆپ بولغان قەھرىمانلار مەيدانىدىمۇ باربادوس دۆلەت شېئىرى ياڭرىغان بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا 21 دانە ھۆرمەت توپى ئېتىلغان.

ئەنگلىيە خان جەمەتى شاھزادىسى چارلىز سۈكۈت ئىچىدە يېڭى باربادوس جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنىپ، ئەنگلىيە بايرىقىنىڭ چۈشكەنلىكىنى كۆرگەن. جۇمھۇرىيەتچى شەخسلەر بۇ ياخشى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى باشقا رايونلارنىڭمۇ باربادوسقا ئوخشاش مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش باسقۇچىغا ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، باربادوس جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، شاھزادە چارلىز باربادوس جۇمھۇرىيىتىگە پىرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان ساندرا ماسون بىلەن سۆھبەتلەشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، باربادوس كارىب دېڭىزى ۋە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان  ئارال دۆلىتى بولۇپ، تۆت تەرىپى دېڭىز-ئوكيان بىلەن قورشالغان. 2020-يىلىدىكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، باربادوسنىڭ تەخمىنەن 285 مىڭ نوپۇسى بار بولۇپ، يەر كۆلىمى 431 كىلومېتىر، دۆلەت تىلى ئىنگلىزچە، دىنى خىرىستىيان ئىكەن.

بۇ خەۋەر 833 قېتىم كۆرۈلدى
30/11/2021 14:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق