ئۇيغۇرلارنى يۇرتلىرىدىن مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلىش داۋاملاشماقتا

خىتاي يېقىنقى يىللاردا ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى خىتاينىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش بازىلىرىغا سۈرگۈن قىلغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 27-نويابىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ يىل ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش رەزىل پىلانىغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندا يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا دېھقانلارنى ھەرقايسى رايونلاردىكى خىتاي كارخانىلىرىغا سۈرگۈن قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئاتالمىش يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش گۇرۇپپىسىدىن 29 مىڭ 600 ى بار بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى %70 دېھقان «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» باھانىسى بىلەن، خىتاي ئىگىلىكىدىكى سانائەت كارخانىلىرىدا ئەمگەككە سېلىنىش ئۈچۈن سۈرگۈن قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەرخىل ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ناھىيەلەردە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش كارخانىلىرىنىڭ سانى 1151 گە يەتكەن. ئۇندىن باشقا باشلامچى كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، دېھقانچىلىق بازىسى قاتارلىق ئورگانلارنى تەشكىللەپ، دېھقانلارنى بۇ كارخانىلارغا مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىمۇ 28700 گە يەتكەن بولۇپ، مەزكۇر ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا 431 مىڭ ئائىلە ئەزا قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي قورچاق ئەمەلدارلىرى ئالدى بىلەن يېزا-كەنتلەردىكى دېھقانلارنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن تېرىلغۇ يەرلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىشكە مەجبۇرلىغان. ئاندىن يەرلىرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» قاتارىغا كىرگۈزۈپ يۇقىرىغا يوللاپ، ئۇلارنى «ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا باشقا يۇرتلارغا، ھەتتا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشقا شارائىت ھازىرلىغان.

نۆۋەتتە خىتاي ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى كوپىراتسىيە تۈزۈمىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنى ھەرقايسى رايونلارغا تارقاقلاشتۇرۇپ، نوپۇس نىسبىتىنى تەڭشەش ۋە خەلقنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشتەك رەزىل پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1325 قېتىم كۆرۈلدى
01/12/2021 11:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق