خىتاي نومۇسسىزلىق بىلەن ئامېرىكىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بويىچە ئەيىبلىدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» دائىرىلەر 30-نويابىر بېيجىڭدا شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار 61-نۆۋەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يەنە بىر قېتىم ئىنكار قىلدى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغاندىن كېيىن تۈرلۈك بېسىمغا دۇچ كەلگەن خىتاي جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن، بىر قىسىم خەلقنى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلىدى ۋە تىغ ئۇچىنى ئامېرىكىغا قارىتىپ، ھەقىقىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغۇچىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر قىسىم خەلق ئاممىسى سىن ئارقىلىق مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلغان. ئالدىن تەشكىللەنگەن خەلق ئاممىسى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنى بويىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى بۇرمىلاپ تونۇشتۇرۇپ، يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن. بۇ قېتىم ئاقسۇ شەھىرىدىن مۇختار ئابدۇرۇسۇل، ئاتۇش شەھىرى ئاغۇ يېزىسىدىن ئايقەمەر تۇرسۇن قاتارلىقلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئاتالمىش «ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى مىسال قىلىپ سۆزلەش» نامى بىلەن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇرلانغان.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ: «شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە كۈندىن-كۈنگە خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. چەت ئەل ئاخبارات ئورگانلىرى خەۋەر قىلغىنىدەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەۋجۇت ئەمەس» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي مەزكۇر يىغىندا يەنە خىتاينىڭ جىنايىتىنى تۇنجى قېتىم «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن ئامېرىكىنى ئىندىيانلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلەش ئارقىلىق، ئۆز جىنايىتىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. ئاخبارات باياناتچىسى ئېلىجان ئانايەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىندىيانلارغا قارىتا زېمىنىنى مۇستەملىكە قىلىش، نوپۇس چەكلەش، كەڭ كۆلەملىك قىرغىن قىلىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈش، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ، مەجبۇرىي ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش، تىلىنى چەكلەش، ئىرقىي كەمسىتىش قاتارلىقلارنى، يەنى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھازىر شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتا تېخىمۇ ھەسسىلەپ سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى تەپسىلىي تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماش، تۇغۇت چەكلەش، ئىسلامدىن يېنىشقا مەجبۇرلاش، مىللىي مەدەنىيىتىنى چەكلەش قاتارلىق جىنايەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق قانۇندا بېكىتىلگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» ئۆلچىمىگە توشىدىغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرى ۋە يالغان تەشۋىقاتلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن تونۇپ يەتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ خىل ساختا تەشۋىقاتلىرى بىلەن كۈتكىنىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1225 قېتىم كۆرۈلدى
02/12/2021 14:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق