خىتاي ئۆز تىل-يېزىقىنى مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى پىلان تۈزدى

خىتاي رېجىمى يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى قايتىدىن كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ باشقا مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنىڭ يوقىلىش خەۋپىنى بارغانسېرى ئاشۇرغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي 2025-يىلغىچە خىتاي ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى %85 كە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان ھالدا، خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىياسىي ھەرىكىتىنى باشلىغان. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە شىۋىلىرىنىڭ بېسىم ئاستىدا يوقاپ كېتىشى ھەققىدە ئەندىشە قوزغىغان. جۈملىدىن خىتاي مۇستەملىكىسىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى خىتاينىڭ باستۇرۇشى سەۋەبىدىن ئاستا-ئاستا يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مەركىزىي ئىشخانىسى 30-نويابىر «يېڭى دەۋر تىل-يېزىق خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ-پىكىر» ناملىق ھۆججەتنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ھۆججەتتە خىتاي ئورتاق تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ يەنىلا تەڭپۇڭسىز ۋە نامۇۋاپىق ئىكەنلىكى، شۇڭا 2025-يىلغىچە خىتاي ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى %85 كە يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەكلىكى تىلغا ئېلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ھۆججەت خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى نامىدا تارقاتقان تىل-يېزىق خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە ئالاقىدار ھۆججىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. گەرچە خىتاي ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تارىختىن بېرى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. بولۇپمۇ خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدە ياشاۋاتقان مىللەتلەر تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىرگە ئۇچرىغان.

بۇلتۇر 9-ئايدا خىتاي دائىرىلىرى ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى يەرلىك مەكتەپلەردىن بارلىق ئوقۇتۇشنى موڭغۇل تىلىدىن خىتاي تىلىغا ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغانىدى. نەتىجىدە بىر قىسىم كىشىلەر ئانا تىلىنىڭ يوقىلىش خەۋپىدىن ئەنسىرەپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلار دەرس تاشلىغان، قىسمەن ئىشچىلار ئىش تاشلىغانىدى. ئاخىرىدا خىتاي دائىرىلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنى «جەمئىيەتنى تەرتىپىنى قالايمىقان قىلدى» دېگەن تۆھمەت بىلەن قولغا ئالغانىدى.

خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى چەكلەش، باستۇرۇش سىياسىتى نۆۋەتتە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىگە يەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەكتەپتە ئۇيغۇرچە سۆزلىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى، خىلاپلىق قىلسا تەن جازاسى بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سىنلار تارقىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 557 قېتىم كۆرۈلدى
03/12/2021 11:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق