ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى ھەيئىتى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى

شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس خوتەننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت 2-دېكابىر ئەنقەرەدىكى بىر نەچچە دۆلەتلىك ئاخبارات ئورگىنىنى زىيارەت قىلدى.

ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلۋارىس خوتەن، جەمئىيەتنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، شۇنداقلا ت ر ت ئۇيغۇرچە بۆلۈمىدىن ژۇرنالىست مىركامىل كاشىغەرىي، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى ئۇيغۇرچە بۆلۈم مەسئۇلى ئابدۇللاھ يالقۇن ۋە تۈركچە بۆلۈم مەسئۇلى مۇھەممەد ئەلى ئاتايۇرت قاتارلىقلاردىن تەشكىللەندى.

ھەيئەت ئالدى بىلەن «ت ر ت خەۋەر» قانىلىنىڭ پىروگرامما مۇدىرى بۇنيامىن شاھىن ئەپەندى ۋە ت ر ت ئاۋاز قانىلىنىڭ پىروگرامما كوردېناتورى سەدات ساغىركايا ئەپەندىنى ئايرىم-ئايرىم زىيارەت قىلدى. ئۇلار ھەيئەتنى ئۆز ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.

زىيارەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تونۇشتۇرۇلدى. شۇنداقلا مۇھاجىرەتتە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئاخبارات ساھەسىدە كۈچ چىقىرىۋاتقان ئىستىقلال تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە بىلدۈرۈش، خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن تارقىتىۋاتقان يالغان تەشۋىقاتىغا قارشى تۇرۇش، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مۇستەقىللىق مۇجادىلىسىدە توغرا يۆنىلىشكە يېتەكلەش قاتارلىق خىزمەتلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرچە، تۈركچە تارقىتىلىۋاتقان خەۋەر ۋە پىروگراممىلىرى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1973 قېتىم كۆرۈلدى
03/12/2021 11:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق