يېڭى تارقالغان سىن شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاشكارىلىدى

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋېتىش جىنايىتى كۆرسىتىلگەن بىر سىن تارقالغان بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتىنى مەلۇم جەھەتتىن يورۇتۇپ بەردى.

مەزكۇر 14 مىنۇتلۇق سىندا كورلا شەھىرى لەڭگەر يېزا غوڭرات كەنتىدىكى قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ ئادەم تەشكىللەپ، بىر ئۇيغۇر ئائىلىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنغانلىقى، ئۇيغۇر ئائىلىنىڭ بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

سىندا ئاشكارىلىنىشچە، خىتاينىڭ يەرلىك قورچاق ئەمەلدارلىرى مەزكۇر ئائىلىنىڭ باشقا يەرگە كۆچۈپ كېتىشى ئۈچۈن ئىككى ئاي مۆھلەت بەرگەن، ئەمما كۆچىدىغان ئورۇننىمۇ كۆرسىتىپ بەرمىگەن. سىندا ئۆينىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر ئەر ئىككى ئاي جەريانىدا كۆچىدىغانغا ياكى ئىجارە ئولتۇرىدىغانغا مۇۋاپىق ئورۇن تاپالمىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك كۆچەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان. يەرلىك ئەمەلدارلار بۇنىڭ بىلەن كارى بولماي، ئادەم تەشكىللەپ بۇ ئائىلىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنغان بولۇپ، ئۇ كىشى: «كۆچىدىغان يەر يوق، ئۆينى نەگە كۆچۈرىمەن» دېگەندە، قورچاق ئەمەلدارلار: «نەگە خالىساڭ شۇ يەرگە كۆچۈرۈۋېتىمىز» دېگەن.

ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش داۋامىدا ئۆيى مەجبۇرى كۆچۈرۈلمەكچى بولغان ئۇ كىشى رېھىمجان ئىسىملىك بىر كەنت ئەمەلدارىنىڭ بۇندىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ يانفونىنى چېقىۋەتكەنلىكىنى، يانفوندا مەزكۇر ئەمەلدارلارنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈش داۋامىدا كەنت ئاھالىسىنى تىللاپ-ھاقارەتلىگەن ئاۋازلىرى ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرى ساقلانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ مەزكۇر كۆرۈنۈشلەرنىمۇ يوشۇرۇنچە سىنغا ئالغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «كونا ئولتۇراق رايونلىرىنى يېڭىلاش» دېگەندەك ناملاردا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئاھالىلەرنى مەجبۇرىي تارقاقلاشتۇرۇپ، ئورنىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرگەنلىكىنى، شۇنداقتىمۇ بۇ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر كۈنى دېگۈدەك بېيجىڭدا ياكى ئۈرۈمچىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىۋاتقانلىقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاتناشتۇرۇپ، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، مەزكۇر سىن خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1466 قېتىم كۆرۈلدى
03/12/2021 12:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق