خەلقئارا ئاياللار چويلا توپ بىرلەشمىسى خىتايدىكى بارلىق مۇسابىقىسىنى توختاتتى

خەلقئارا ئاياللار چويلا توپ بىرلەشمىسى خىتاي ماھىر پېڭ شۈەينىڭ مەسىلىسى سەۋەبلىك، خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان بارلىق مۇسابىقىنىڭ توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا ئاياللار چويلا توپ بىرلەشمىسى (WTA) 1-دېكابىر خىتايدىكى بارلىق مۇسابىقىسىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «تەنتەربىيەنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدىغانلىقى»نى دەۋا قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا ئاياللار چويلا توپ بىرلەشمىسى خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان بارلىق مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى توختىتىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قارارنىڭ خىتاي چويلا توپ ماھىرى پېڭ شۈەيگە ئالاقىدار ۋەقەگە قارشى قايتۇرۇلغان ئىنكاس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەنمۇ ئالدىنقى كۈنلەردىكى باياناتىدا پېڭ شۈەينىڭ يېقىندا بىر قىسىم ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى، پېڭ شۈەي ۋەقەسىنى سىياسىيلاشتۇرماسلىق كېرەكلىكى ۋە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ «يامان غەرەزلىك تەشۋىقات»نى توختىتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.

بىر ئاي بۇرۇن خىتاي چويلا توپ ماھىرى پېڭ شۈەي سىنا مىكرو بىلوگىدا ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىل خىتاينىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جاڭ گاۋلىنىڭ جىنسىي زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، پۈتۈن دۇنيادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 888 قېتىم كۆرۈلدى
03/12/2021 14:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق