كوممۇنىزمنى تونۇتۇش ھەققىدە سۇنۇلغان تەكلىپتە ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىندى

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مارىيا ئېلۋىرا سالازار خانىم 2-دېكابىر پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىنغا ئون نەچچە پالاتا ئەزاسى ھەمدە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بىلەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى رەئىسى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى ئىشتىراك قىلغان.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى مارىيا ئېلۋىرا سالازار خانىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىغا سۇنغان «كوممۇنىزمنى تونۇتۇش قانۇن لايىھەسى»نى تونۇشتۇرۇپ، كوممۇنىزمنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۈرگەن زىيىنى ۋە ئاپەتلىرىنى نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق جانلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.

ئۇ سۆزىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، بۈگۈنكىدەك 21-ئەسىردىمۇ خىتاينىڭ ئاز دېگەندە ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر خەلقىنى ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى ئوخشىمىغانلىقى سەۋەبلىك جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلغانلىقى، ئۇيغۇر ئەرلىرىنى بولسا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى قاتارلىقلارنى تىلغا ئالغان ۋە سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ياشلىرىنى كوممۇنىزمنىڭ ئىنسانىيەتكە ۋە ئامېرىكىغا كەلتۈرگەن زىيىنىنى، كەلگۈسىدىكى خىرىسلىرىنى تونۇش يېتىشكە چاقىرغان.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا روشەن ئابباس خانىممۇ سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان. ئۇ نۇتقىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق، دىنىي ئېتىقادىنى باستۇرۇش، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش قىلمىشلىرىنىڭ كوممۇنىزمنىڭ ئاپىتى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ، شۇنداقلا ئەركىن دۇنيانىڭ كېلەچىكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلىكتە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «كوممۇنىزمنى تونۇتۇش قانۇن لايىھەسى» رەسىمى ماقۇللىنىپ قالسا، كوممۇنىزمنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى تونۇشتۇرۇلغان دەرسلىك تۈزۈلۈپ، ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتۇلىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 837 قېتىم كۆرۈلدى
03/12/2021 15:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق