ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىقماقچى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىگە پات يېقىندا قاراپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مىكگوۋېرننىڭ پەيشەنبە مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى كېلەر ھەپتە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىقىشنى پىلانلىغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ماقۇللانغان تەقدىردە، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش چەكلىنىدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جىم مىكگوۋېرن كېلەر ھەپتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈچۈن مۇھىم بىر ھەپتە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، خىتايغا قارشى بىر قىسىم قانۇن لايىھەسىنى سۇنۇشنى مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساس قىلغان مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى، كېلەركى ھەپتە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ماقۇللانغان ۋەزىيەتنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەگەر شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك بۇ تەكلىپ لايىھەسى رەسمىي قانۇنغا ئايلانسا، شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بارلىق تاۋارلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلىنىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 768 قېتىم كۆرۈلدى
03/12/2021 15:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق