خىتاي رېجىمى تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزغا تەھدىت سالدى

گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز يېقىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جازا لاگېرى، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ شى جىنپىڭغا بىۋاسىتە چېتىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، خىتاي ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ، بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىدى.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دائىرىلىرى 30-نويابىر شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار 61-قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنى «يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ چىقاردى» دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا قارشى «قانۇنىي ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقى» ھەققىدە تەھدىت سالغان.

گېرمانىيەلىك ئىنسانشۇناس دوكتور ئادرىيان زېنز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشقا ئۆزىنى بېغىشلاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتىنى كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن دادىل پاش قىلىپ كەلمەكتە. ئۇ يېقىندا خىتاينىڭ «مۇتلەق مەخپىي» ھۆججەتلىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان جازا لاگېرى، مەجبۇرىي ئەمگەك، نوپۇس چەكلەش قاتارلىق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك بۇيرۇقى بىلەن ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ئۇنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى خەلقئارادا خىتايغا قارشى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغاۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن بىئارام بولغان خىتاي ئۇنى «.بىزگە تۆھمەت قىلدى» دەپ كۆپ قېتىم ئەيىبلىگەن.

دوكتور ئادرىيان زېنز ئىلگىرى تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى نۇرغۇن ئېغىر مەسىلىلەرنى تەدرىجىي ئىسپاتلاپ چىققان بولۇپ، خىتاينىڭ نەچچە مىليون ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئائىلىلەرنى پارچىلىغانلىقىنى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىنى، بالىلار لاگېرى تەسىس قىلىپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلغانلىقىنى، شەپقەتسىزلەرچە تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى يولغا قويغانلىقىنى خەلقئاراغا ئاشكارىلىغانىدى.

ئادرىيان زېنز كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن گېرمانىيەلىك ئالىم بولۇپ، خىتايدا ئۇزۇن يىل تۇرغان. كېيىن ئۇ خىتاينىڭ توردا ئېلان قىلغان رەسمىي ھۆججەتلىرىنى ئانالىز قىلىش ئاساسىدا ئۆزگىچە تەتقىقات يولىنى باشلىغان. 2016-يىلى يازدىن باشلاپ تەتقىقاتىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇلۇۋاتقان مىللەتلەرگە مەركەزلەشتۈرگەن. 2017-يىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشىنى چەكلىگەن. ئۇ ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار كۆپلىگەن نوپۇزلۇق دوكلاتلارنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى يورۇتۇپ بېرىشتە مۇھىم مەنبە سۈپىتىدە پايدىلىنىلماقتا. ئادرىيان زېنز خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى دۇنياغا پاش قىلىشتىكى باشلامچى شەخسلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 768 قېتىم كۆرۈلدى
04/12/2021 14:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق