ئامېرىكا خىتايغا قارشى «ئولىمپىك مەھبۇسلار تۈرى»نى قوزغاتتى

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى يېقىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل پارلامېنت ئەزالىرى «ئولىمپىك مەھبۇسلار تۈرى» ناملىق ھەرىكەتنى قوزغىتىپ، خىتاي تۈرمىلىرىدە ئازاب چېكىۋاتقان سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىگە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاشنى پىلانلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى جېف مېركلى بىلەن دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى جامىس مىكگوۋېرن 2-دېكابىر «ئولىمپىك سىياسىي مەھبۇسلىرى» ناملىق ئىجتىمائىي ئالاقە تۈرىنى يولغا قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى پىلانلىغان.

ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ تەشەببۇس تۈرى سىياسىي مەھبۇسلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن تاللانغان سىياسىي مەھبۇسلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. يولغا قويماقچى بولغان مەزكۇر تۈردە خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان، بىرىنچى تۈركۈمدە كۆرسىتىلىدىغان سىياسىي مەھبۇسلار بولسا ژۇرنالىستلار ۋە خەلق مۇخبىرلىرى بولىدىكەن. كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە بۇ كومىتېت خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇر، تىبەت، ئىشچى پائالىيەتچىلەر، خىرىستىيانلار، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى، خوڭكوڭلۇقلار، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى، ئاياللار ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرى، دېموكراتىيە تەشەببۇسچىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1500 دىن ئارتۇق سىياسىي مەھبۇسنىڭ مەلۇمات ئامبىرى ۋە ئۇلارنىڭ دېلوسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىكەن.

ئورتاق رەئىس مېركلى ۋە مىكگوۋېرن بۇ تەشەببۇسنى ئېلان قىلغان سىندا: «خىتاي ئولىمپىكنى بۇلغىدى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كۆرۈنۈشنىڭ ئارقىسىدىكى كىشىلەرنى ئەستە ساقلىشىمىز ناھايىتى مۇھىم. ئۇلار ئولىمپىكقا ساھىبخانلىق قىلماقچى بولغان ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئادالەتسىزلىك بىلەن تۈرمىگە تاشلانغانلىقى سەۋەبلىك، ئولىمپىك روھىنى تەبرىكلىيەلمەيدىغان كىشىلەردۇر. بىز سىلەرنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىپ، ئولىمپىك روھىنىڭ بۇلغىنىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن بېسىم قىلىشقا بىرلىكتە چاقىرىق قىلىشقا ئۈندەيمىز» دېگەن.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئەركىن زىيارەت قىلالىشىغا كاپالەتلىك قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسى تالاش-تارتىش قوزغىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 722 قېتىم كۆرۈلدى
04/12/2021 14:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق