تۈرك ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت ش ت ت ب نى زىيارەت قىلدى

بۇراك جەمئىيىتى رەئىسى ئادام يەنھايات ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت بۈگۈن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.

ھەيئەت قارتال مەھمەت ئاكىف ئەرسوي ئانادولۇ ئىمام خاتىپ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ھەيئەتنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى مەركىزىي ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.

ھەيئەت ھىدايەتۇللاھ ئەپەندى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش، مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى سەۋەبلىك جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاش، خىتاي ئۆلكىلىرى ياكى باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تونۇشتۇرۇلدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1867 قېتىم كۆرۈلدى
04/12/2021 16:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق