ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بىر قاتار جازالاش تەدبىرىنى ئېلان قىلماقچى

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى كېلەر ھەپتە بىر قاتار جازالاش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىشىدىكى «دېموكراتىيە باشلىقلار يىغىنى»دا خاتىرە قالدۇرۇشنى پىلانلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى 3-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان دېموكراتىيە باشلىقلار يىغىنىدا ئالاھىدە خاتىرە قالدۇرۇش ئۈچۈن، بىر قاتار جازالاش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ جازالاش ئوبيېكتى چىرىكلىك، كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىش ۋە دېموكراتىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا چېتىشلىق شەخسلەر ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى جازاغا دۇچ كېلىدىغان شەخسلەرنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە كونكرېت ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىدىن پايدىلىنىپ، چىرىكلىك پەيدا قىلىدىغان ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تورىغا سوقۇنۇپ كىرىشىگە يول قويغان يوچۇقلارنى تاقاشنى مەقسەت قىلغان بىر قىسىم تەكلىپلەرنى ئېلان قىلىدىكەن.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى يولغا قويۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېموكراتىيە ۋە دېموكراتىك تۈزۈمگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ناچار ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، چىرىكلىك، باستۇرۇش، تەشكىللىك ھالدا كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىشقا چېتىشلىق شەخسلەرنى ئېنىقلاپ چىقىدىكەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن چاقىرماقچى بولغان دېموكراتىيە باشلىقلار يىغىنى 9-، 10-دېكابىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يىغىنغا خىتاي، رۇسىيە قاتارلىقلار چاقىرىلمىغان، ئەكسىچە تەيۋەن تەكلىپ قىلىنغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1468 قېتىم كۆرۈلدى
04/12/2021 16:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق