خىتاي نومۇسسىزلىق بىلەن دېموكراتىيە ھەققىدە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى

«خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى» ئۇچۇر ئىشخانىسى بۈگۈن «خىتاي دېموكراتىيەسى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، بارلىق جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپلا قالماي، «خىتاي دېموكراتىيەسى»نىڭ ئەڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى ھەققىدە نومۇسسىزلارچە جار سالغان.

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاق تاشلىق كىتابتا خىتاينىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقىنىنىڭ ئاتالمىش «پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى» ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقى، خەلقنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالىدىغانلىقى، «سايلامدا كىشىلەرنى مايىل قىلىپ، سايلامدىن كېيىن كارى بولمايدىغان دېموكراتىيە»نىڭ ھەقىقىي دېموكراتىيە ئەمەسلىكى داۋا قىلىنغان.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۆزىنىڭ تېررور سىياسىتىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سېلىپ: «ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى دېموكراتىك باشقۇرۇشى قالايمىقان تۇرۇپ، خىتاينى تەنقىد قىلدى» دېگەن.

بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ 2019-يىلى ئاتالمىش «پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى» دېگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خىتاي ئۇسلۇبىدىكى دېموكراتىيەگە ئېنىقلىما بېرىشنى نىشان قىلغان. ئۆز ۋاقتىدا خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ بۇ تەبىرىنى «قۇرۇق شوئار» دەپ تەنقىد قىلغان. بۇ يىل 2-ئايدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن مۇخبىرلارنىڭ ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «شى جىنپىڭ ئىنتايىن ئەقىللىك، ئىنتايىن قەيسەر» دەپ باھا بەرگەن ۋە بۇ سۆزىنى ئىزاھلاپ: «مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم تەنقىد ئەمەس، بەلكى بۇ بىر رېئاللىق. شى جىنپىڭنىڭ قېنىدا دېموكراتىيەدىن ئەسەر يوق» دېگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ قېتىم ئاتالمىش «خىتاي دېموكراتىيەسى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېننىڭ تەشكىللىشىدە كېلەر ھەپتە ئېچىلماقچى بولغان «دېموكراتىيە باشلىقلار يىغىنى» بىلەن تىركىشىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا مەزكۇر يىغىنغا خىتاينى تەكلىپ قىلمىغان.

خىتاي ئىلگىرى ئېلان قىلغان بىر ئاق تاشلىق كىتابىدا «ئىنسان ھەقلىرى» ئۇقۇمىغىمۇ باشقىچە ئېنىقلىما بېرىپ، قورسىقى تويۇش ۋە ئامان-ئېسەن بولۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىنسان ھەقلىرى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغانىدى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزى ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇۋاتقان تۈرلۈك ھەق-ھوقۇقلارنى يوققا چىقىرىشقا ۋە تېررور سىياسىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 932 قېتىم كۆرۈلدى
04/12/2021 17:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق