ئامېرىكا: ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا خىتاي سىياسىتىدە كۈنسېرى بىرلەشمەكتە

ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېندى شېرمان ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدە كۈنسېرى بىرلىك ھاسىل قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېندى شېرمان ئالدىنقى جۈمە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ بارغانسېرى بىردەكلىككە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شېرمان بۇ سۆزىنى بىرۇكىڭس ئىنستىتۇتى ۋە ياۋروپا تاشقى ئىشلار مەھكىمىسى باش كاتىپى ستېفانو سانىنو ساھىبخانلىق قىلغان بىر سىنلىق دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

ستېفانو سانىنو تور يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ ھەرىكىتى قائىدە-نىزاملارغا ئۇيغۇن كەلمىگەن تەقدىردە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەينىگە داجىمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا لىتۋانىيەگە قاراتقان ھەرىكىتىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 825 قېتىم كۆرۈلدى
06/12/2021 11:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق