خەلقئارا ئىنتېرنېت مېدىيا ۋە ئۇچۇر-ئالاقە ئاخباراتچىلىرى بىرلىكى قۇرۇلدى

خەلقئارا ئىنتېرنېت مېدىيا ۋە ئۇچۇر-ئالاقە ئاخباراتچىلىرى بىرلىكى (UIMBIR) ئەنقەرەدە رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ژۇرنالىست مىركامىل كاشىغەرىي مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى.

تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ئاخبارات ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ژۇرنالىستلار 4-دېكابىر ئەنقەرەگە جەم بولۇپ، خەلقئارا ئىنتېرنېت مېدىيا ۋە ئۇچۇر-ئالاقە ئاخباراتچىلىرى بىرلىكىنى قۇرۇپ چىقتى.

تۈركىيە ئاخبارات ئورگىنى «ئاخىرقى نۇقتا خەۋىرى»نىڭ قۇرغۇچىسى سەردار ئاقيولنىڭ باشچىلىقىدا جەم بولغان بىر تۈركۈم ژۇرنالىستلار مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، بىر قاتار قائىدە-نىزاملارنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن بىرلىكنىڭ 14 كىشىدىن تەشكىللەنگەن مۇدىرىيەت ھەيئىتىنى قۇرۇپ چىقتى.

ژۇرنالىستلار يىغىندا تۈرك دۇنياسى دۆلەتلىرى مەسىلىسىدە تەتقىقات، سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ھەمكارلىق تۈرلىرى قاتارلىق نۇقتىلاردا پىكىر ئالماشتۇردى. يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتىنىڭ (ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى) مۇدىرىيەت ئەزاسى، TRT ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ ئاخبارات خادىمى مىركامىل كاشىغەرىي ئەپەندى مەزكۇر بىرلىكنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شۇنداقلا مېدىيا ۋە تەشۋىقات مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەندى.

خەلقئارا ئىنتېرنېت مېدىيا ۋە ئۇچۇر-ئالاقە ئاخباراتچىلىرى بىرلىكىنىڭ ئاساسى بولغان ئىنتېرنېت مېدىيا ۋە ئۇچۇر-ئالاقە سۇپىسى بۇندىن ئىلگىرىمۇ تۈركىيە ئاخبارات ساھەسىدە مۇھىم قەدەملەرنى بېسىپ كەلگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 795 قېتىم كۆرۈلدى
06/12/2021 14:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق