تالىبان ھۆكۈمىتى غەرب ئەللىرىگە ۋەدە بەردى

تالىبانلار سابىق ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە چېتىشلىق بىخەتەرلىك خادىملىرىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى ھەققىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، تالىبانلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئومۇمي كەچۈرۈمنى ئىجرا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇلقاھار بالخى تىۋىتتېر ھېساباتىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «كەچۈرۈم قىلىش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى بايقالغان ھەر قانداق بىر ئەزانىڭ مەسئۇلىيىتى تەپسىلىي سۈرۈشتە قىلىنىدۇ، ئەمما پاكىتسىز گەپ-سۆزلەرگە ئىشەنمەسلىك كېرەك» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى نۇرغۇنلىغان غەرب دۆلەتلىرى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تالىباننىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان يۈزدىن ئارتۇق سابىق ئافغانىستان ساقچىسى ۋە ئىستىخبارات خادىملىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ياكى تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى ئاشكارىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئالدىنقى ھەپتە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ سابىق 47 ئەزاسى، باشقا ھەربىي خادىملار، ساقچىلار ۋە ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئۆكتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا تالىبان تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا بولسا ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارالىق بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئافغانىستانغا ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان. تالىبان تەرەپ غەرب ئەللىرىنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە رەددىيە بېرىش بىلەن بىرگە، ئومۇمىي كەچۈرۈم قىلىش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى بايقالغان ھەر قانداق بىر ئەزاسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەتراپلىق سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 855 قېتىم كۆرۈلدى
06/12/2021 15:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق