شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھەققىدە 2-قېتىملىق يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

5-دېكابىر ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە بۇ ھەقتىكى زۆرۈر خىزمەتلەر توغرۇلۇق يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەشكىللىشى، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفىنىڭ ساھىبخانلىقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن 2-قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى»غا تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئاكادېمىكلار قاتناشتى.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، يېڭى يۈزلىنىشى ۋە بۇ ھەقتە قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە تېما ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل مۇھاكىمىسى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىملىق يىغىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەشكىللىشىدىكى 2-قېتىملىق يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى بولۇپ، تۇنجى قېتىملىقى بۇ يىل 9-ئايدا 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشىدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بۇ خىل يىغىنلارنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى تەتقىقاتچى ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرى ئارىسىدا ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان داۋاسى مەسىلىسىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2033 قېتىم كۆرۈلدى
06/12/2021 15:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق