كانادادىكى يالغۇز كىشىلىك نامايىشچى خىتايلارنىڭ ھاقارىتىگە ئۇچرىدى

ئىككى يىلدىن بېرى كانادانىڭ ۋانكوۋىردا تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنى داۋام قىلىۋاتقان تۇنىسا خانىم 3-دېكابىر بىر قىسىم خىتايلارنىڭ ھاقارىتىگە ئۇچرىدى.

تۇنىسا خانىم كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، ئىككى يىلدىن بېرى ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى ۋانكوۋېردا تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى يالغۇز كىشىلىك نامايىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئىككى يىل جەرياندا نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندىن سىرت، بىر نەچچە قېتىم خىتايلارنىڭ كەمسىتىشى ۋە ھاقارىتىگە ئۇچرىغان. 3-دېكابىرمۇ تۇنىسا خانىم نامايىش قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، ئىككى خىتاي پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭغا قارىتىپ تۈكۈرگەن ھالدا: «بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىش كېرەك، يەرشارىدىن يوقىتىش كېرەك، سىلەردەك ھىجابلىقلارنى، ئۇيغۇرلارنى چوقۇم پۈتۈنلەي يوقىتىمىز» دەپ تەھدىت سالغان ۋە ئارقىدىن قېچىپ كەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ۋانكوۋېر ساقچىخانىسىغا بۇ ھەقتە دېلو مەلۇم قىلىنغان بولۇپ، ساقچىخانا خادىملىرى تۇنىسا خانىمنى ھاقارەتلىگەن ئىككى خىتاينى سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىغان. كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى يەنە ۋانكوۋېر سوت مەھكىمىسىگە مەزكۇر خىتايلار ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان.

كۆزەتكۈچىلەر ئالدىنقى يىللىرى بىر نەچچە دۆلەتتە يالغۇز ۋە كۆپ كىشىلىك شەكىلدە باشلانغان «ئائىلەم قەيەردە» نامايىشىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتە ياخشى ئۈنۈمى بولغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشنى نىشانلىغان ساختا تەشۋىقاتلىرىغا مەلۇم نۇقتىدىن زەربە بەرگەنلىكىنى، كانادادىكى بۇ ۋەقەنىڭمۇ خىتاينىڭ قاتتىق بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى خىتايغا قارشى نامايىشلارنى تۈرلۈك ئۇسۇلدا داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1628 قېتىم كۆرۈلدى
06/12/2021 16:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق