چاپچال ياشلىرى سۈنىڭغا سۈرگۈن قىلىندى


4- مارت خىتاينىڭ ourjiangsu تورى خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش » نامى بىلەن شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىلى ئوبلاستى چاپچال ناھىيەسىدىن 433 ئۇيغۇر ياشلىرىنى جاڭسۇ ئۆلكىسى سۈنىڭ ناھىيەسىگە سۈرگۈن قىلغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىندىن بىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئائىلىسىنى پارچىلاپ شەرقىي تۈركسىتان مەدىنىيىتىنى يوق قىلىش ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تۇتقۇن قىلىشنى زور كۈچ بىلە ئاشۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشنى تېزلەتكەن ئىدى.
2- ئاينىڭ 26- كۈنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى ئوبلاستى چاپچال ناھىيەسىدىن 433 ياشنى خىتاينىڭ جاڭسۇ ئۆلكىسى سۇنىڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان خېڭجىيەن قۇرۇلۇش گورۇھىغا سۈرگۈن قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

بۇ خەۋەر 10657 قېتىم كۆرۈلدى
05/03/2019 20:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق