ئامېرىكا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 6-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئالدىنقى ئايدا مۇخبىرلارغا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، رەسمىي قارارنىڭ بۇ ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى. ئاقساراي تۈنۈگۈن بۇ ھەقتىكى قارارىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ كېلەر يىلى فېۋرال ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە دىپلوماتلىرىنى ياكى رەسمىي ۋەكىللىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاقساراي باياناتچىسى جېن ساكى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى سادىر قىلىۋاتقاندا، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا نورمال ئىش سۈپىتىدە قارىيالمايدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ئامېرىكىلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا توسقۇنلۇق قىلمايدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر قارارىنى «سىياسىي كونتروللۇق» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ تېخى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەكلىپ قىلىنمىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ھەرىكەتنىڭ ئولىمپىكقا تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلىش ئارقىلىق، بۇ سەتچىلىكىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ئامېرىكا بۇ خىل جازالاش تەدبىرلىرىنى توختاتمىسا، خىتاينىڭمۇ قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قارارى كۆپلىگەن سىياسىيونلارنىڭ، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچىلەر بايدېننىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى ئومۇميۈزلۈك بايقۇت قىلمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

«ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» دەپ ئاتىلىۋاتقان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش سادالىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە. ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرى لىتۋانىيەمۇ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى، پىرېزىدېنت ۋە باشقا مىنىستىرلارنىڭ قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئالدىنقى ئايدا ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ چاقىرىقى سەۋەبلىك، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سىتېفانو سانىنو 3-دېكابىردىكى سۆزىدە، بايقۇت مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق تاشقى ئىستراتېگىيەسى ئەمەس، بەلكى ئەزا دۆلەتلەر ئايرىم قارار چىقىرىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بولسا بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە ھەرقايسى ئامىللارنى ئويلىشىش ئارقىلىق ئايرىم قارار چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 697 قېتىم كۆرۈلدى
07/12/2021 10:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق