دوكلات: خىتاي كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ

ئاۋسترالىيە ئەقىل ئامبىرىنىڭ يېڭى دوكلاتىدا، يۇقۇم سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ ئاجىزلىغانلىقى، كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى ئىگىلەش ئېھتىماللىقىنىڭ تۆۋەنلىكى كۆرسىتىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ئەقىل ئامبىرى «لوۋى خەلقئارالىق سىياسەت ئىنستىتۇتى» خىتاي ھەققىدە يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ۋىرۇس يۇقۇمى خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان بولۇپ، رايوندىكى بىخەتەرلىك مۇقىمسىزلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇرۇش خەۋپى ئېشىشقا باشلىغان.

مەركىزى سىدنېيغا جايلاشقان لوۋى خەلقئارالىق سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ قارىشىچە، ھەربىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ھىندىستان قاتارلىق مۇھىم كۈچلەر ئامېرىكىنىڭ ئىقتىدارى ۋە خاھىشىغا يېقىنقى مەزگىلىدىكىدەك تايىنىپ باقمىغان. خىتاي بولسا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە، پاكىستان ۋە شىمالى كورىيە قاتارلىق يادرو قوراللىرى تېخنىكىسى بار ئۈچ دۆلەت بىلەن ھەربىي ئالاقىسىنى كۈچەيتكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقۇمنىڭ تەسىرى پۈتكۈل رايوننىڭ تەرەققىياتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن. شۇنداقلا دۈشمەنلىشىشنىڭ كۈچىيىشى، ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتىنىڭ كېڭىيىشى ۋە كۆپ خىل يوشۇرۇن ئامىللارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئۇرۇش خەۋپىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 21-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا خىتاي ئۇنىۋېرسال كۈچ جەھەتتە رەقىبلىرىدىن ئۈستۈن بولالمايدىكەن. بۇلار خىتاينىڭ دۇنيادا قەد كۆتۈرۈشىنىڭ مۇقەررەر ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ئوخشاش دۇنيانىڭ يېتەكچىلىك ئورنىغا چىقىش مۇمكىنچىلىكى تۆۋەن ئىكەن.

يېقىنقى يىللاردا ئاۋسترالىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك ناچارلاشقان. ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن شېرىكلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بارغانسېرى ئامېرىكىغا تايىنىدىغان بولۇپ قالغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 758 قېتىم كۆرۈلدى
07/12/2021 11:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق