لىتۋانىيە خىتايغا قارشى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ياردەم سورىدى

لىتۋانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىنى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلىشىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لىتۋانىيە ھۆكۈمىتى تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ لىتۋانىيەدە «تەيۋەن» نامى بىلەن ۋاكالەتخانا ئېچىشقا يول قويغاندىن كېيىن، خىتاي بۇنىڭغا قارشى ھەرخىل ئۆچ ئېلىش تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىغان. لىتۋانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گابرىلىيۇس لاندسبېرگىس ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىغا مەكتۇپ يېزىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشقا ۋە قاتتىق ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرغان.

لاندسبېرگىس 6-دېكابىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋالدىس دومبروۋىسكىس ۋە تاشقى ئىشلار، بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى جوسېپ بورېلغا مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە لىتۋانىيەگە قوبۇل قىلغۇسىز ئىقتىسادىي بېسىم چۈشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر مەكتۇپتا خىتاي تاموژنىسىنىڭ لىتۋانىيەنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكى، بۇ سەۋەبلىك لىتۋانىيە ئېكسپورت سودىگەرلىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرەلمىگەنلىكى، لىتۋانىيەنىڭ بۇ يىل 8-ئايدىن باشلاپ سىياسىي مەقسەتلىك ئىقتىسادىي تەھدىتكە دۇچ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

لاندسبېرگىس مەكتۇپىدا يەنە: «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتكە قاراتقان بۇ ھەرىكىتى پۈتكۈل ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋە ئورتاق سودا سىياسىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەن سىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، لىتۋانىيەگە ۋاكالىتەن خىتاي تەرەپ بىلەن سۆزلىشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى لىتۋانىيە مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن بولغان قاتمال ۋەزىيەتكە ئاللىبۇرۇن سۆرەپ كىرىلگەن. لىتۋانىيە بۇ يىل مايدا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئالاقە قىلىدىغان كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىك مۇنبىرى بولغان «1 + 17 گۇرۇھى»دىن چېكىنىپ چىققانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1771 قېتىم كۆرۈلدى
07/12/2021 16:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق