شى جىنپىڭ ئاتالمىش «دىننى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام دىنىغا قارشى تېررور سىياسىتى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك بېسىمغا ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي رېجىمىنىڭ ئىككى كۈنلۈك دىن خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىپ، ئاتالمىش «دىننى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتى يەنە تەكىتلەندى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى 3-دېكابىردىن 4-دېكابىرغىچە بېيجىڭدا ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ دىنىي ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان قورچاق ئەمەلدارلارمۇ قاتناشقان. شى جىنپىڭ يىغىندا سۆز قىلىپ، ئاتالمىش «دىننى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش» دېگەن باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قايتا تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يىغىنىغا قاتناشقان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىز توختى قاتارلىق قورچاق ئەمەلدارلار «شى جىنپىڭنىڭ سۆزى دىننى باشقۇرۇشتىكى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەك» دەپ بىلجىرلاشقان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇشلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ يەنىلا بۇ تېررور سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەكىتلەۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانىدىن تېخىچە ۋاز كەچمىگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ بۇ جەھەتتىن قاتتىق بېسىمغا دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينىڭ تېررور سىياسىتىنى توختىتىشقا مەجبۇرلايدىغان ھەرىكەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1591 قېتىم كۆرۈلدى
07/12/2021 16:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق