ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى پەلەستىن ھۆكۈمىتىگە 100 مىليون دوللار ياردەم قىلماقچى

ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تىبۇن ئالجىرىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباسقا ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى نامىدا پەلەستىننى 100 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 6-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تىبۇن مەھمۇد ئابباس بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئالجىرىيەنىڭ ئىنقىلابىي تارىخىنى ۋە ئالجىرىيە خەلقىنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا پەلەستىن خەلقىنى قوللاش مەقسىتىدە بۇ قارارنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تىبۇن يەنە ئالجىرىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان 300 پەلەستىنلىك ئوقۇغۇچىنى ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئالجىرىيە كېلەر يىلى 3-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى بۇ مۇھىم يىغىننىڭ مەركىزىي نۇقتىسىغا ئايلاندۇرماقچى بولغان.

ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالجىرىيە ۋە پەلەستىن پىرېزىدېنتى پات يېقىندا پەلەستىن تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئېنىق ۋاقتىنى بېكىتمىگەن.

پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەھمۇد ئابباس تىبۇنغا پەلەستىن مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى سىياسىي تەرەققىياتلار، تىنچلىق مەسىلىسى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش چارىسى، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇزغۇنچىلىق سىياسىتى ۋە يەھۇدىيلارنى پەلەستىنگە ئولتۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى، كونا مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىش ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ مەسىلىنى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىش چارىسىنى رەت قىلىشى سەۋەبىدىن، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ 2014-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ توختىتىلغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تونۇشتۇرغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3316 قېتىم كۆرۈلدى
08/12/2021 13:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق