خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

10-دېكابىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل چاپا رايونىدىكى مەركىزىي ئىشخانىسىدا بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى.

1948-يىلى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 10-دېكابىرنى «ئىنسان ھەقلىرى كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن «شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تېمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن يازما باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ باياناتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان سەككىز مىليوندىن ئارتۇق خەلقنى جازا لاگېرىغا سولاش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش، ئاياللارنىڭ تۇغۇتىنى چەكلەش، ھەرقانداق دىنىي ئىبادەتنى چەكلەش، زور تۈركۈمدىكى مەسچىت ۋە مۇقەددەس ئورۇنلارنى چېقىش ياكى ئۆزگەرتىش  قاتارلىق تېررور سىياسەتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېكىتكەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ئۆلچىمىگە چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن د ئۇ ق ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد بايانات ئوقۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بېرى سىستېمىلىق باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ 2016-يىلىدىن باشلاپ، تېررور سىياسىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغانلىقىنى، شۇڭا پۈتۈن دۇنيا خەلقى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن باشلاپ، خىتاينىڭ بارلىق تاۋارلىرىنى بايقۇت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفىنىڭ رەئىس ۋەكىلى دوكتور شەۋكەت ناسىرمۇ سۆز قىلدى. ئۇ باياناتىدا خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت بىردەك ھەرىكەتكە كېلىپ، خىتاينى خەلقئارا سوتقا تارتىش، ماللىرىنى بايقۇت قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام ئەرەبچە بايانات ئوقۇدى. ئۇ باياناتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانىغا ئاساسەن، مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق ئىبادەتلىرىنى چەكلىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتى باشلىق ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1147 قېتىم كۆرۈلدى
10/12/2021 16:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق