ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلدى.

10-دېكابىر دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور فۇئات سەزگىن قۇرۇلتاي كۈلتۈر مەركىزىدە «چارىسىزلىققا چارە» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر پائالىيەتنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى، مۇساپىرلار ھوقۇقى جەمئىيىتى، تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى (IHH) قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان، پەلەستىن، سۇرىيە مەسىلىلىرى ئاساسلىق تېما قىلىندى.

پائالىيەتتە ئالدى بىلەن مەدىنە نازىمى خانىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى بالىلار لاگېرىغا سولاپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى، چوڭلارنىڭ بولسا تۈركۈملەپ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەسىرلىك يوسۇندا تونۇشتۇردى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتتىن خەۋەر تاپقان قاتناشقۇچىلار كۆز ياشلىرىنى تۇتۇۋالالمىدى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى تارىخىنى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنى ھەققىدە توختالغاندىن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما خەلقنىڭ خىتايغا كۈچ ئۇلاپ قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈركۈملەپ جازا لاگېرلىرىغا ياكى تۈرمىلەرگە قاماش، ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن زىيانكەشلىك قىلىش، تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق تېررور سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

ئاخىرىدا يېتىم ۋەقفى رەئىسى مۇرات يىلماز «شەرقىي تۈركىستاندا بالا بولماق» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ئەڭ قىيىن بولغان جايلارنىڭ بىرى شەرقىي تۈركىستان ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن بالا بولۇپ ياشاش ئەڭ قىيىن بولغان جاينىڭ يەنىلا شەرقىي تۈركىستان ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتە ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغانلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ خەلقنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىززەت-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

مەزكۇر پائالىيەتتە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار شەرقىي تۈركىستان تېمىسىغا ئىنتايىن قىزىققان بولۇپ، بۇ ھەقتە نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەردىن نۇرغۇنلىغان سوئاللارنى سورىغان ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 745 قېتىم كۆرۈلدى
11/12/2021 16:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق