لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچىلار لوندوندا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

9-دېكابىر تەشكىللەنگەن مەزكۇر نامايىشتا «خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات!»، «ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرايلى، ئىنسانىيەتنى قۇتۇلدۇرايلى!» دېگەن مەزمۇنلار يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار خىتايغا قارشى تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلىغان. نامايىشچىلار يەنە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

نامايىشچىلار بۇ جەرياندا خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرىغا ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە چىقارغان ھۆكمىنى تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق ئەلچىخانىدىكى بىخەتەرلىك خادىملىرى بۇنى باش ئەلچىگە يەتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلغان.

10-دېكابىر خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىگە قارشى بايانات ئېلان قىلىپ: «بۇ سوت خىتايغا قارشى بىر گۇرۇپپا بۆلگۈنچىلەردىن تەشكىللەندى. ئۇيغۇر سوتى قانۇنلۇق ئورگان ئەمەس، ئۇنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى يوق» دەپ بىلجىرلىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 758 قېتىم كۆرۈلدى
13/12/2021 10:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق