كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان دۆلەتلەرگە چەكلىمە قارارى چىقىرىلدى

ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، دانىيە ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان دۆلەتلەرگە تېخنىكا ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش ھەققىدە بىرلىككە كەلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاقساراي ئالدىنقى جۈمە ئاۋسترالىيە، دانىيە ۋە نورۋېگىيە بىلەن بىرلىكتە، تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشلىتىدىغان دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئاقساراي بۇ گۇرۇپپىنى قۇرۇشتىكى مەقسەتنىڭ قوش قوللىنىشچان (ھەربىي ساھە ياكى خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان) تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەمدە ئاچقۇچلۇق ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنىكىلارنىڭ دېموكراتىك جەمئىيەتكە خىزمەت قىلىشىغا كاپالەت قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاقساراي شۇ كۈنى بۇ جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا ۋەدە بەرگەن دۆلەتلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، شۇنداقلا كانادا، فىرانسىيە، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ قارارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىلاۋە قىلغان.

ئاقساراينىڭ باياناتىدا مەزكۇر ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ كېلەر يىللىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن چەكلەش كۈچى بولمىغان يازما ھەرىكەت مىزانى ئورنىتىشقا كېلىشكەنلىكى، ئوخشاش پىكىردىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېكسپورتنى كونترول قىلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتال ۋە تېخنىكىلارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى چەكلەش ھەققىدە سىياسىي ۋەدە بەرسە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

يۇقىرىقى بايانات ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېننىڭ تەشكىللىشى بىلەن 9-دېكابىردىن 10-دېكابىرغىچە ئۆتكۈزۈلگەن دېموكراتىك دۆلەتلەر باشلىقلار يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان. باشلىقلار يىغىنىنىڭ مەقسىتى دېموكراتىيەنىڭ چېكىنىشى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ باستۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىغا خىتاي بىلەن رۇسىيە تەكلىپ قىلىنمىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 631 قېتىم كۆرۈلدى
13/12/2021 12:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق