شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن سىنلىق يىغىن ئېچىشنى پىلانلىدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى شى جىنپىڭنىڭ 15-دېكابىر رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن سىنلىق يىغىن ئارقىلىق كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

غەرب دۆلەتلىرى خىتاي ۋە رۇسىيەگە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەكىتلەۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ شى جىنپىڭنىڭ 15-دېكابىر رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن سىنلىق يىغىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى ھەرىكىتى پۈتۈن دۇنيانى گاڭگىرىتىپ قويغان. ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن G7 باشلىقلىرى يىغىنىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەنىڭ مۇھىم نۇقتىسى خىتاينىڭ ئەمەلىي كۈچى مەسىلىسى بولغان. ئۆتكەن 40 يىلدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچى شى جىنپىڭنى ئۆزىگە زىيادە ئىشىنىدىغان قىلىپ قويغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا ۋە باشقا G7 ئىتتىپاقداشلىرى بىردەك خىتايغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى ھەققىدە ئىزدەنگەن.

يەتتە دۆلەت گۇرۇھى يەكشەنبە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالغان ئىقتىسادىي سىياسىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 628 قېتىم كۆرۈلدى
13/12/2021 14:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق