ئامېرىكا خىتايغا قارشى ھەمكارلىق سېپىنى كېڭەيتىشكە تىرىشماقتا

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر رايون دۆلەتلىرى بىلەن خىتايغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى پىلانلىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتايغا قارشى بىرلىكسەپ قۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانى زىيارەت قىلىپ، رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى پىلانلىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىلىنكېن 13-دېكابىر ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتاغا يېتىپ بارغان بولۇپ، يەنە مالايشىيا ۋە تايلاندنىمۇ زىيارەت قىلىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرى ياردەمچىسى دانىيال كرىتېنبرىنك بىلىنكېننىڭ جەنۇبى ئاسىيا زىيارىتىدىن ئىلگىرى مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە، بىلىنكېن بايدېننىڭ سىياسىي نىشانى ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى ئىشلىتىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھالەتكە يەتكۈزمەكچى بولغان.

بايدېن ھۆكۈمىتى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان كۈچىگە قارشى تۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن، ئەمما سابىق پىرېزىدېنت تىرامپ 2017-يىلى رايونلۇق سودا كېلىشىمىدىن چېكىنگەندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى ئىقتىسادىي تەسىر كۈچ قۇرۇلمىسى يېتەرسىز ھالەتكە كېلىپ قالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئەكسىچە خىتاينىڭ تەسىر كۈچى داۋاملىق ئاشقان. نۆۋەتتە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك جەڭ مەيدانىغا ئايلانغان.

تەھلىلچىلەر ۋە دىپلوماتلارنىڭ ئېيتىشىچە، بىلىنكېن سەزگۈر تەمىنلەش زەنجىرى ۋە تەرەققىيات مەبلىغىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى تەدبىرلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە، ئالاقىدار دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى خىتايدىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا يۆتكەش پىلانىنى يولغا قويۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئارزۇ قىلغاندەك تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئاسىيا بازىرىغا كىرىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدىغانلىقى ھەققىدە بىرەر ئالامەت يوق ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 549 قېتىم كۆرۈلدى
13/12/2021 14:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق