ياۋروپا-ئامېرىكا تور مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ياۋروپا دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەدبىر قوللىنىدىغان ۋاقتى كەلدىمۇ؟» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ نۇقتىلىق تىلغا ئېلىندى.

مۇھاكىمە يىغىنى 8-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم،  ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى مىرىيام لېكسمان، خوڭكوڭنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئالىي سىياسىي مەسلىھەتچىسى سام گۇدمەن قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر ئىشتىراك قىلغان.

روشەن ئابباس خانىم يىغىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە مىليون خەلقنى جازا لاگېرىغا قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، تۇغۇت چەكلەش، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق تېررور سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئېغىر باستۇرۇش ھەرىكىتىدە ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ۋەزىيەت شۇنداق تۇرسىمۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا ھېچ ئىش بولمىغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نەپ ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە: «ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇر سوتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ھەققىدىكى ھۆكۈمدىن كېيىنمۇ، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي بىلەن بولغان سودا-ئالاقىسىنى ئوخشاش داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، سودا بىلەن ئىنسانىي ئەخلاق ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كېلىپ چىقمامدۇ؟» دەپ سوئال قويغان.

مۇھاكىمە يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە بۇنىڭغا قارشى زۆرۈر تەدبىر قوللىنىش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 716 قېتىم كۆرۈلدى
13/12/2021 15:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق