تورونتودا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە خىتايغا قارشى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىش 12-دېكابىر كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ۋە تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار بىرلىشىپ تەشكىللىگەن. نامايىش شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12 دە باشلانغان بولۇپ، يۈرۈش شەكلىدە ئۆتكۈزۈلگەن. ئىككى سائەت داۋاملاشقان نامايىشتا قاتناشقۇچىلار تورونتو شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدىن يولغا چىقىپ، ئولىمپىك كومىتېتى بىناسى ئالدىغىچە پىيادە يۈرۈش قىلغان. بۇ جەرياندا نامايىشچىلار يول بويى «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى بايقۇت قىلىنسۇن!»، « ھۈسەيىن جېلىلغا ئەركىنلىك!»، «شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق!» دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان.

نامايىش ئاخىرىدا پارلامېنت ئەزاسى، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئەزاسى گارنات ئەپەندى «ھۈسەيىن جېلىلغا ئەركىنلىك» نامىدا ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلىغان بولۇپ، نامايىش قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىمزا توپلانغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 719 قېتىم كۆرۈلدى
13/12/2021 15:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق