ئىستىقلال ھەيئىتى بىر قىسىم فىلىم شىركەتلىرى بىلەن كۆرۈشتى

شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى (ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى) بىر قىسىم فىلىم شىركەتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە قىسقا فىلىم ئىشلەش مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

13-دېكابىر ئىستىقلال ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس خوتەن بىلەن تۈركچە بۆلۈم مەسئۇلى مۇھەممەد ئەلى ئاتايۇرت سېنارىست ئۆزكان گارىپئوغلى، مىنۇس يېشىل كىنو شىركىتى خوجايىنى سەرھان ناسىرلى، يازغۇچى تۇرگاي تۈفەكچىئوغلى، ئېلان شىركىتى خوجايىنى ئەرتۇغ تۈفەكچىئوغلى قاتارلىق كەسىپ ئەھلىلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

سۆھبەت داۋامىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەققىدە قىلىۋاتقان تۆھمەتلىرى ۋە يالغان تەشۋىقاتلىرىغا رەددىيە بېرىش، خىتايغا قارشى جامائەت پىكىرى يارىتىشنى ئاساس قىلغان قىسقا فىلىم، كىنو-فىلىملەرنى ئىشلەش ھەققىدە ھەمكارلىشىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى ۋە بۇ جەھەتتە دەسلەپكى قەدەمدە ھەمكارلىق ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك پىلان ۋە تۈرلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1785 قېتىم كۆرۈلدى
13/12/2021 18:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق