تۈركىيەدىكى قۇرئان تىلاۋەت مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر قارىيلار ئالاھىدە نەتىجىگە ئېرىشتى

تۈركىيەنىڭ خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى (UDEF) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلار قۇرئان تىلاۋەت مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر قارىيلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىرىنچى ۋە ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، شەرەپ قۇچتى.

تۈركىيەدىكى خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار قۇرئان ئوقۇش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 11-دېكابىر نەۋشەھىر ھاجى بەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىنى نەۋشەھىر ۋىلايەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى بىلەن نەۋشەھىر ھاجى بەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى ھەمكارلىشىپ تەشكىللىگەن.

مۇسابىقىنى يەنە تۈركىيە ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى، دىنىي ئىشلار باشقارمىسى، نەۋشەھىر ۋالىيلىقى، نەۋشەھىر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت قاتارلىق ئورۇنلار قوللىغان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن تۈركىيەگە كېلىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىنى داۋام قىلىۋاتقان ئون ئوقۇغۇچى قۇرئان كەرىمنى يېقىملىق، قائىدىلىك ئوقۇشتا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ رىقابەتلەشتى.

قارىيلارنىڭ يېقىملىق قۇرئان ئوقۇش تالانتىنى كۆرۈش، ماھىرلارغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن 40 دۆلەتتىن كەلگەن 400 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى مۇسابىقە يىغىلىشىغا ئىشتىراك قىلدى. 10-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە 29 دۆلەتتىن كەلگەن 29 ئوقۇغۇچى كىرگەن بولۇپ، باھالىغۇچىلارنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن تاللىشى نەتىجىسىدە، بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئون ئوقۇغۇچى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

11-دېكابىر چۈشتىن كېيىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان ئون ئوقۇغۇچى گۈزەل ئاۋازلىرى بىلەن قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىپ، تالانتىنى نامايان قىلدى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئاقگۈل نەۋشەھىر ھاجى بېكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ئاقتېكىنغا ھەدىيە تەقدىم قىلدى. شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارغا نەۋشەھىر ۋىلايەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، ئاجىگۈل دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، ئاشىق قۇتلۇ قۇرئان كۇرسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى مۇكاپات تارقاتتى.

ئاخىرىدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كونيادىن مۇسابىقىگە قاتناشقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قارىي شەمسىددىن ئاقسۇئاۋات بىرىنچىلىككە ئېرىشتى، بۇرسادىن كەلگەن گىۋىنىيەلىك قارىي مەھمۇد دىئاللو ئىككىنچىلىككە، قەھرىمانماراشتىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قارىي ئوسمان داموللام ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.

بىرىنچىلىككە ئېرىشكە قارىيغا بەش يېرىم مىڭ لىرا قىممىتىدە ئالتۇن، ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن قارىيغا 2700 لىرا قىممىتىدە ئالتۇن، ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن قارىيغا 1350 لىرا قىممىتىدە ئالتۇن مۇكاپات بېرىلگەن بولۇپ، مۇكاپاتلارنى نەۋشەھىر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى ئەلى كەمىككىران، نەۋشەھىر ھاجى بەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ئاقتېكىن، خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئاقگۈل ئەپەندىلەر تەقدىم قىلدى.

ئۇيغۇر قارىيلارنىڭ بۇ ئالاھىدە نەتىجىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنى خۇرسەن قىلغان بولۇپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، بۇ نەتىجىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بارلىق دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالغان خەلق ئۈچۈن بىر تەسەللىي بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 846 قېتىم كۆرۈلدى
14/12/2021 12:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق