ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە شىركىتىگە قارىتىلغان ئېمبارگو قارارىنى ئېلان قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دۈشەنبە كۈنى رۇسىيەنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ھەربىي ئىشلىرى شىركىتى ۋاگنېر گۇرۇھىغا(Wagner Group)جازا يۈرگۈزۈشتە بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، بۇ گۇرۇھ ئۇكرائىنا ۋە باشقا جايلارنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 13-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيەنىڭ خۇسۇسىي ھەربىي ئىشلىرى شىركىتى ۋاگنېر گۇرۇھى ئۇكرائىنا ۋە ئافرىقا قىتئەسىدىكى توقۇنۇش رايونلىرىدا رۇسىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇھ تارمىقىدىكى ئۈچ شىركەت ۋە سەككىز شەخس مال-مۈلۈكنى توڭلىتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، جازا تىزىملىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىردەك تەستىقلىغان. مال-مۈلۈكنى توڭلىتىش ۋە ۋىزا چەكلىمە قويۇش قاتارلىق جازا تەدبىرلىرى دۈشەنبە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن رەسمىي يولغا قويۇلغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ۋاگنېر گۇرۇھى ياۋروپا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزغان بولۇپ، ئۇكرائىنا، سۇرىيە ۋە لىۋىيە قاتارلىق بىر قانچە توقۇنۇش رايونىدىكى مەۋجۇتلۇقى بىلەن، رۇسىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى موسكۋانىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك رۇسىيەگە قاراتقان ئىقتىسادىي جازانى تېخىمۇ كېڭەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 648 قېتىم كۆرۈلدى
14/12/2021 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق