ئامېرىكىنىڭ ئىككى پالاتاسى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بىرلىككە كەلمەكتە

بىر قىسىم خەۋەردار شەخسلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشى سەۋەبلىك خىتاينى جازالاش مەسىلىسى ھەققىدە بارغانسېرى بىرلىككە كېلىشكە باشلىغان.

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ ھەر ئىككى پالاتاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆز نۇسخىسىدىكى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» سۇنۇپ، ماقۇللاپ بولغان بولۇپ، پالاتا ئەزالىرى ئىككى خىل نۇسخىدىكى پەرقلەرنى يوقىتىشقا تىرىشماقتىكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە ئاۋام پالاتاسى ئالدىنقى ھەپتە، يەنى 8-دېكابىر 428 ئاۋازنىڭ قوللىشى، بىر ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇش بىلەن، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر قانۇن شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن بارلىق مەھسۇلاتلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان، دەپ مەنئى قىلىشنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىمۇ بۇ يىل 14-ئىيۇل بىردەك ئاۋاز بىلەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى رەسمىي ماقۇللىغان بولۇپ، ئەگەر ئامېرىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك يوق، دەپ ئىسپاتلانمىغان تەقدىردە، بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىكەن ۋە بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنىدىكەن.

ئاۋام پالاتاسى سۇنغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» ئەگەر كېڭەش پالاتاسى ھەيئىتى تەرىپىدىن ماقۇللانسا، كۈنتەرتىپكە قويۇلىدىغان بولۇپ، يىل ئاخىرىغىچە كېڭەش پالاتاسىدا رەسمىي ئاۋازغا قويۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ھەر ئىككى پالاتادا ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئاخىرقى باسقۇچتا پىرېزىدېنت بايدېننىڭ ئىمزالىشى ئۈچۈن سۇنۇلىدىكەن.

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىنسان ھەقلىرى، سودا ۋە تەيۋەن مەسىلىسىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 762 قېتىم كۆرۈلدى
14/12/2021 15:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق