ئاۋسترىيە بېيجىڭ ئولىمپىكىغا ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئاۋسترىيەنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان باش مىنىستىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ قارارنىڭ يۇقۇم سەۋەبتىن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى كارل نېھامې بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئاۋسترىيەنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ دىپلوماتىك بايقۇت ئەمەس، بەلكى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبىدىن چىقىرىلغان قارار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ، خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىدىكى يۇقۇمغا قارشى تەدبىرلىرىنىڭ ئىنتايىن قاتتىق ئىكەنلىكىنى، دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۆز تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مۇسابىقە جەريانىدا بىۋاسىتە كۆرۈشەلمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا بېرىشنىڭ كۆپ ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، شۇنداقلا تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارنى باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش سادالىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلىرى دىپلوماتىك بايقۇت ئۇسۇلىنى تاللىدى. ھازىرغىچە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، كانادا، شوتلاندىيە، لىتۋانىيە ۋە كوسوۋو بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يېڭى زېللاندىيە بىلەن بۈگۈن رەسمىي قارار چىقارغان ئاۋسترىيە بولسا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇندىن كېيىن يەنە قايسى دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشى مۇمكىنلىكى خەلقئارادا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان بولۇپ، بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ئويلىمىغان يەردىن بۇ سەپكە قېتىلىشنى رەت قىلغان. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىر نەچچە كۈن بۇرۇن بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن، شۇنداقلا فىرانسىيەنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش پىلانى يوقلۇقىنى، چۈنكى دىپلوماتىك بايقۇتنىڭ ئۈنۈمىنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى، پەقەت سىمۋول خاراكتېرلىك رولى بارلىقىنى، بايقۇت قىلىشقا توغرا كەلسە، پۈتۈنلەي بايقۇت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانالېنا بېربوكمۇ تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئولىمپىكنىڭ «سىياسىيلاشتۇرماسلىقى»، سىياسەت تەرىپىدىن قالايمىقان قوللىنىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەمما ئۇ گېرمانىيەنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. ئۇندىن باشقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېرېس خىتاينىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 801 قېتىم كۆرۈلدى
14/12/2021 16:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق