ئىيى پارتىيەسى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

تۈركىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان ئىيى پارتىيەسى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى» سەرلەۋھەلىك دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى پاش قىلدى.

مەزكۇر دوكلات ھۈسەيىن راشىت ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ تەييارلانغان بولۇپ، ئون بابتىن تەشكىل تاپقان. دوكلات نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 12 دۆلەتتە ياشاۋاتقان 53 جازا لاگېرى شاھىتى ۋە خىتاي تۈرمىلىرىدە قىيىن-قىستاقلارغا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەر بىلەن ھەرخىل يوسۇندا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىسپات توپلاش ئارقىلىق تەييارلانغان.

14-دېكابىر ئىيى پارتىيەسى تەشكىللىگەن دوكلات ئېلان قىلىش يىغىنىغا تۈركىيەدىكى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، كېلەچەك پارتىيەسى، ھۈر دەۋا پارتىيەسى، يېڭى رەفاھ پارتىيەسى، مەملىكەت پارتىيەسى قاتارلىق پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان.

يىغىندا ئىيى پارتىيەسى رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم نۇتقىنى «ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بېشىمىزنىڭ تاجى» دېگەن سۆز بىلەن باشلىغان. ئۇ سۆزىدە دىنى ئۈچۈن، مەدەنىيىتى ئۈچۈن، باشقىلار بىلەن ئوخشاش مىللەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن، باشقا يۇرتلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇش ئازابىنى تۈركلەرنىڭ كۆپ قېتىم تارتقانلىقىنى، ئەمما تۈرك خەلقىنىڭ بۈگۈنكى كۈنلەردە بۇنى ئۇنتۇغانلىقىنى، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھازىر ئەنە شۇ ئازابلىق كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار كۆرۈۋاتقان ئېغىر كۈنلەرنى ئۇنتۇماسلىق ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى خەلقئاراغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلغانلىقىنى، خەلقئارادا كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى ئاۋاز چىقارغانلىقى ئۈچۈن، تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نومۇسىنىڭ ئەمەلىيەتتە تۈركلەرنىڭ نومۇسى ئىكەنلىكىنى، باشقىلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئېغىر كۈنلەرنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەزكۇر دوكلات 14-دېكابىر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە تۆت تىلدا تەييارلانغان. دوكلاتتا ئالدى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قانداق جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدا يوللۇق كۆرسىتىشكە تىرىشقانلىقى، خىتاينىڭ بۇ رەزىل پىلانىنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن تارتىپ باشلانغانلىقى، خىتاي رېجىمىنىڭ خەلقئارانىڭ تېررورلۇققا قارشى ئەندىشىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي ۋە دىنىي پەرقلەرنى يوقىتىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھالدا تۈرلۈك باستۇرۇش ۋاسىتىلىرى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە تولدۇرغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە زىيانكەشلىك قىلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن يوقىتىش ئارقىلىق، بۇ زېمىنىنى تامامەن يۇتۇۋېلىپ، ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دۇنيانى سودا لىنىيەسى بىلەن كونترول قىلىش ھەققىدە خام خىيال قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىپ ئۆتۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ خەلقئارالىق تېررورچىلىققا قارشى ئەندىشىسىنى سۇيىئىستېمال قىلغان ئاساستا، 2001-يىلىدىن كېيىن باستۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل مائارىپى، دىنىي ئەركىنلىك قاتارلىق ئەڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى پۈتۈنلەي دەپسەندە قىلىشقا باشلىغانلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ بارغانلىقى، 2016-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، كىشىنىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان تۈرلۈك بوھتانلار بىلەن 10 نەچچە يىللاپ كېسىلگەن كىشىلەرنىڭ شىددەت بىلەن كۆپەيگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

دوكلاتتا يەنە 2015- ۋە 2016-يىللىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش جىنايىتىنى يەنە بىر بالداق ئېغىرلاشتۇرغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلىرىدىكى ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى پاسپورت بېرىلمەي كەلگەن ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېجىرىپ بېرىشكە باشلىغانلىقى، خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتىدىكى رەزىل مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىر قىسمىنى چەت ئەلگە چىقىرىۋېتىش ئارقىلىق كۆزدىن يوقىتىش ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاندا قالغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە كەڭ-كۆلەملىك قاماش ھەرىكىتى ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرى ئاشكارىلىغان ماتېرىياللارنى ئىسپات قىلىش ئاساسىدا، 2016-يىلىدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 4 مىليون 720 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرغا سولانغانلىقى، 2017-، 2018-يىللىرىدىن 2019-يىلى يىلىغىچە جازا لاگېرى ئىنشائاتلىرى قۇرۇلۇشىنى تېز سۈرئەتتە داۋاملاشتۇرغانلىقى، 2020-يىلىغىچە يېڭىدىن سېلىنغان جازا لاگېرىنىڭ 380 گە يەتكەنلىكى، لاگېر كۆلىمىنىڭ ئېشىشىغا قارىماي، كېيىنكى يېڭى تۇتقۇنلارغا ئورۇن بوشىتىش ئۈچۈن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نازارەت ئاستىدا قويۇپ بېرىلگەنلىكى، 2016-يىلىدىن 2021-يىلى 6-ئايغا قەدەر 7 مىليون 78 مىڭ كىشىنىڭ جازا لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش»، «دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش» نامىدا مۇسۇلمانلارنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، دىندىن چىقىشقا مەجبۇرلاش، زىيانكەشلىك قىلىش ۋاسىتىلىرى بىلەن ئىسلام دىنىنى باستۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلغانلىقى، ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە مەسچىتلەرنى چېقىۋەتكەنلىكى، بىر قىسىم مەسچىتلەرنى كۆڭۈل ئېچىش ئورنىغا ئۆزگەرتكەنلىكى، يەنە قىسمەن مەسچىتلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشلىرىنى خىتاي مىللىي ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتكەنلىكى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى نىشان قىلىپ، قەبرىستانلىقلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى، ھەرخىل باھانىلەر بىلەن چېقىۋەتكەن ياكى بۇزۇۋەتكەن مەسچىتلەرنىڭ 16 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى بايان قىلىنغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ قۇرئان كەرىم ۋە ئىسلام دىنىغا ئالاقىدار كىتابلارنى پۈتۈنلەي چەكلەپ يىغىۋالغانلىقى، ھەتتا قۇرئان كەرىمنى ئاشكارا كۆيدۈرگەنلىكى، ئائىلىسىدە قۇرئان كەرىم ساقلىغان مۇسۇلمانلارنىمۇ ئېغىر جازالىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

دوكلاتتا يەنە ئاتا-ئانىسى جازا لاگېرىغا قامالغانلىقى سەۋەبلىك ئىگە-چاقىسىز قالغان بالىلارنى بالىلار لاگېرىغا يىغىۋالغانلىقى، ئۇيغۇر كۈلتۈرى مۇھىتىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان بالىلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى پىلانلىغانلىقى، ھەتتا ئۇلارنى يېقىن تۇغقانلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتۈرمەي، تامامەن خىتاي ئىدېئولوگىيەسى بىلەن تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا خىتاينىڭ يەرشارىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەركەزلىرى ۋە بۇ مەركەزلەرنى قانداق باشقۇرىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلىرى، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشالمايدىغانلىقى، خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى دۆلەتلەر تەرىپىدىن كەلگەن تەھدىتلەرنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارى بىلەن تۈزۈپ چىقىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئۆلچىمىگە چۈشىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئىپادىلەنگەن قىستۇرما رەسىملەر قويۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرى تېخىمۇ  گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىلگەن.

تۈنۈگۈن دوكلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن زالنىڭ سىرتىدا يەنە خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن.

نۆۋەتتە مەزكۇر دوكلاتنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيە سىياسىي سەھنىسىدە كۈنتەرتىپكە ئەكېلىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 885 قېتىم كۆرۈلدى
15/12/2021 15:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق