خىتاينىڭ ئىسلامغا قىلغان ھاقارىتى ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى خىتاينىڭ مەلۇم شەھىرىدىكى بىر ئاشخانىنىڭ ئىچىگە قۇرئان ئايەتلىرى ۋە شاھادەت كەلىمىسى يېزىلغان چاقچۇق ياتقۇزۇلغانلىقى، خىتايلارنىڭ بۇ چاقچۇقلارنى دەسسەپ ئولتۇرغانلىقى ھەققىدىكى كۆرۈنۈش تارقالغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىدى.

بىر قىسىم تورداشلار مەزكۇر سىندىكى ئاشخانىنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى تەيشەن شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، سىن تارقالغاندىن كېيىن ھەر قايسى تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئۆلىمالار، جامائەت ئەربابلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ھەر خىل تىلدا بايانات ۋە چاقىرىقلارنى ئېلان قىلىپ، ئىسلام دۇنياسىنى خىتاينىڭ بۇ ھاقارىتىگە قارشى ئىنكاس قايتۇرۇشقا، ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى. تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر ئىشلەپ تارقاتتى.

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىر تۈركۈم كىشى خىتاينىڭ ئاشكارىلانغان بۇ ھاقارەتلىك قىلمىشىغا غەزەپ-نەپرىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۈگۈن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، نامايىش ئۆتكۈزدى.

قاتتىق يامغۇر ۋە سوغۇق ھاۋاغا قارىماي، يۈزلىگەن ئۇيغۇر خەلقى نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن كونسۇلخانا ئەتراپىدىكى ساھىلغا يىغىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ۋە خىتاينىڭ مەزكۇر ھاقارەتلەش قىلمىشى بېسىلغان سۈرەتلەرنى كۆتۈرۈپ، خىتايغا قارشى شوئار توۋلىدى.

نامايىشچىلار قولىدىكى ھاقارەتلىك سۈرەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، تۈرك دۇنياسىنى، ئىسلام دۇنياسىنى خىتاينىڭ بۇ رەزىل قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا، مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.

گەرچە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى، شۇنداقلا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئىسلام دىنىنى باستۇرۇش، ھاقارەت قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە تارقىلىپ كېتىشىنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئاشكارىلىنىپ كەتكەن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر خىتاينىڭ تېررور سىياسىتىنى خەلقئاراغا پاش قىلىشتا بەلگىلىك رول ئوينىماقتا.

بۇ خەۋەر 1046 قېتىم كۆرۈلدى
15/12/2021 17:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق