ئىسلام دۇنياسىغا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تونۇشتۇرۇلدى

لوندوندىكى ئىسلام تېلېۋىزىيە قانىلى 9-دېكابىر ئۆتكۈزگەن سۆھبەت پىروگراممىسىدا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

مەزكۇر سۆھبەت پىروگراممىسى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ھۆكۈم ئېلان قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ۋاشىنگىتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇرۇپ چىققان.

ئەنگلىيەدىكى ئىسلام قانىلى ئىسلام دۇنياسىغا 24 سائەت خەۋەر تارقىتىدىغان تېلېۋىزىيە قانىلى بولۇپ، مەزكۇر پىروگراممىغا تەكلىپ قىلىنغان بىر نەچچە مۇتەخەسسىس سۆھبەت پىروگراممىسىدا خىتاي ھەققىدە چىقىرىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ھۆكمى ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىسلام  قانىلى سۆھبەتتىن ئىلگىرى لوندوندا تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىخانىسىغا مەكتۇپ ئەۋەتكەن. مەكتۇپتا بىر تۈركۈم دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلغانلىقى، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ھۆكۈم چىقارغانلىقى، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئوچۇق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي ئەلچىسى پىروگراممىغا تەكلىپ قىلىنغان، ئەمما خىتاي ئەلچىخانىسى پىروگراممىغا ھېچقانداق ۋەكىل ئەۋەتمىگەن.

ئوچۇق سۆھبەتتە ئابدۇلھەكىم ئەپەندى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، بۇ جىنايەتلەرنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئۆلچىمىگە چۈشىدىغانلىقىنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.

ئابدۇلھەكىم ئەپەندى 10-دېكابىر ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېر شەھىرىدىكى «بىرىتانىيە مۇسۇلمانلار مىراسلىرى مەركىزى»دە ئۆتكۈزۈلگەن «زامانىۋى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ناملىق سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلغان.

يىغىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنغا جەڭ ئېلان قىلىش، ئۆچمەنلىك قىلىش قىلمىشلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان. يىغىندا پارلامېنت ئەزاسى ئافزالخان خىتاينىڭ ئىسلام دىنغا قارشى دۈشمەنلىك سىياسەتلىرىنى پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويغان. ئابدۇلھەكىم ئەپەندىمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي ئېتىقادنى چەكلەش، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى دەپسەندە قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1470 قېتىم كۆرۈلدى
15/12/2021 18:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق