ئاۋسترالىيە ئەقىل ئامبىرى خىتاينىڭ چەت ئەللىك ياللانما تەشۋىقاتچىلىرىنى پاش قىلدى

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار يەنە بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى زور كۆلەملىك ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتىنى ۋە ياللانما تەشۋىقات قوشۇنىنى ئاشكارىلىدى.

ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەقىل ئامبىرى «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى» ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا خىتاينىڭ چەت ئەللىك ئىجتىمائىي تاراتقۇ مەشھۇرلىرىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى، مەزكۇر تور مەشھۇرلىرىنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارالىق تەشۋىقات قوشۇنىغا ئايلانغانلىقى قەيت قىلىنغان.

«زۇۋانلارنى ئارىيەت ئېلىپ، شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلەتكۈزۈش» سەرلەۋھىلىك مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى 2020-يىلى يانۋاردىن 2021-يىلى ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي رېجىمىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىنغان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى پۈتۈنلەي بۇرمىلانغان 546 مەزمۇننى ئېنىقلاپ چىققان. بۇ مەزمۇنلار خىتاينىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان 13 چەت ئەللىك تور مەشھۇرى تەرىپىدىن تەييارلانغان.

بۇ شەخسلەر شەرقىي تۈركىستاندا پىلانلىق ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرىنى ئاقلايدىغان، پەردازلايدىغان ۋىدىيو ياكى باشقا تۈردىكى مەزمۇنلارنى تارقاتقان. ۋىدىيو مەزمۇنى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكى، كۈلتۈرى ۋە ئىمارەتلەرگە مەركەزلەشكەندىن سىرت، «شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى» دەۋا قىلىنغان مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ شەخسلەر تەييارلىغان مەزمۇنلىرىدا يەنە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ، تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى خەۋەرلىرىنى، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان. ئۇلارنىڭ ۋىدىيو ياكى يازمىلىرى خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئورگان تاراتقۇلىرى، ئەلچىخانىلىرى، دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن كۆپلەپ تارقىتىلغان ياكى نەقىل ئېلىنغان. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى تېخىمۇ تونۇتۇش، كۆرۈرمەنلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولۇش نىشان قىلىنغان.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى دوكلاتتا ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركەتلىرىگە چاقىرىق قىلىپ، خىتاي رېجىمىغا چېتىشلىق بولغان بۇ خىل ھېسابلارنى ۋە مەزمۇنلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پەرقلەندۈرىدىغان تەدبىرلەر ۋە قائىدە-نىزاملارنى تېپىپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلغان.

مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 13-دېكابىردىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مەخسۇس ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنى تىلغا ئالغان. ئۇ سۆزىدە مەزكۇر ئەقىل ئامبىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنىڭ ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكى، ئۇلارنى تەتقىقات ئورنى دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقى، ئۇزۇندىن بېرى شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار «يالغان ئۇچۇرلار»نى تارقاتقانلىقى، ئەقىل ئامبىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭمۇ لوندوندىكى ئۇيغۇر سوتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، «خىتاينى قارىلىغانلىقى» ھەققىدە جار سالغان.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە شەرقىي تۈركىستان توغرۇلۇق ئەڭ كۆپ دوكلات ئېلان قىلغان مۇستەقىل تەتقىقات ئورگىنى بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا مۇھىم رول ئوينىغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، «سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق دوكلات مەزكۇر ئەقىل ئامبىرىنىڭ 20 يىلدىن بۇيان ئېلان قىلغان ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن دوكلات بولۇپ قالغان.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1085 قېتىم كۆرۈلدى
16/12/2021 12:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق