لىتۋانىيە دىپلوماتى خىتايدىن چېكىنىپ چىقتى

خىتاي بىلەن لىتۋانىيەنىڭ مۇناسىۋىتى تەيۋەن مەسىلىسى سەۋەبلىك قاتتىق يىرىكلەشكەن بىر پەيتتە، لىتۋانىيەنىڭ بىر قىسىم دىپلوماتلىرى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتايدىن چېكىنىپ چىقتى.

ئالدىنقى ئايدا لىتۋانىيەدە تەيۋەن نامىدىكى ۋاكالەتخانا رەسمىي قۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي لىتۋانىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى لىتۋانىيە دىپلوماتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لىتۋانىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق ۋەكىلى ئاۋدرا 15-دېكابىر ئۆزىنىڭ قىسمەن مەسىلىلەرنى مەسلىھەت قىلىش ئۈچۈن ۋىلنيۇسقا قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

لىتۋانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، لىتۋانىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىخانىسى دىپلوماتىك ئەمەلدارىنى تولۇقلىمىغان تەرىقىدە، يىراقتىن خىزمەت قىلىدىكەن. باياناتتا يەنە لىتۋانىيەنىڭ خىتاي بىلەن داۋاملىق سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش كېلىشىمى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، ئەلچىخانا خىزمىتىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىتۋانىيە ئەلچىخانا خىزمەتچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 كىشى بېيجىڭدىن پارىژغا كەتكەن. بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي بېيجىڭدا قالغان لىتۋانىيە دىپلوماتلىرىنىڭ دىپلوماتىك دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا دىپلوماتىك گۇۋاھنامىلىرىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى لىتۋانىيەگە نىسبەتەن ئەندىشە قوزغىغان. لىتۋانىيە تەرەپ بۇ ئەمەلدارلارنىڭ دىپلوماتىك كەچۈرۈم ھوقۇقىدىن مەھرۇم قېلىشى، نەتىجىدە خىتايدىكى بىخەتەرلىكىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىگەن.

پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق غەرب دىپلوماتىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئۇچۇر ئەۋەتىپ: «ئەگەر سىلەرمۇ لىتۋانىيەگە ئەگەشسەڭلار، قاتتىق جازاغا ئۇچرايسىلەر» دەپ تەھدىت سالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، لىتۋانىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى يېقىنقى مەزگىللەردە ئىزچىل يىرىكلىشىپ ماڭغان بولۇپ، لىتۋانىيە تەرەپ كۆپ قېتىم خىتاينىڭ بېسىمى ۋە تەھدىتلىرىدىن قورقمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. لىتۋانىيە پارلامېنتى بۇ يىل 20-مايدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەنىدى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈشكە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قايتا قاراپ چىقىشقا چاقىرغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 800 قېتىم كۆرۈلدى
16/12/2021 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق