«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نىڭ بىرلىككە كەلگەن نۇسخىسى ماقۇللاندى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 14-دېكابىر كەچتە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نىڭ ئاخىرقى ماسلاشتۇرۇلغان نۇسخىسىنى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان بولۇپ، ئىككى پالاتانىڭ بۇ مەسىلىدىكى بىرلىكى ئۈچۈن چوڭ بىر قەدەم ئېلىندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 14-دېكابىر كەچتە HR6256 نومۇرلۇق «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى»نىڭ ئاخىرقى ماسلاشتۇرۇلغان نۇسخىسىنى بىردەك ماقۇللىغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇن شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەيدىكەن. كېيىنكى قەدەمدە بۇ قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ ھەر ئىككى پالاتاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆز نۇسخىسىدىكى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» سۇنۇپ، ماقۇللاپ بولغان بولۇپ، پالاتا ئەزالىرى ئىككى خىل نۇسخىدىكى پەرقلەرنى يوقىتىشقا تىرىشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاۋام پالاتاسى 8-دېكابىر 428 ئاۋازنىڭ قوللىشى، بىر ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغان. مەزكۇر قانۇن شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن بارلىق مەھسۇلاتلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان، دەپ مەنئى قىلىشنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىمۇ بۇ يىل 14-ئىيۇل بىردەك ئاۋاز بىلەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى رەسمىي ماقۇللىغان بولۇپ، ئەگەر ئامېرىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك يوق، دەپ ئىسپاتلانمىغان تەقدىردە، بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى دەپ قارىلىپ، ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنىدىكەن.

ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى»نىڭ مەزمۇنى كېڭەش پالاتاسى سۇنغان ئوخشاش ئىسىملىك قانۇن لايىھەسىدىن پەرقلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ قانۇن لايىھەلىرىنى ئىككى پالاتا ماقۇللىغاندىن كېيىنمۇ، يەنىلا سۆھبەتلىشىش ۋە تەڭشەش كېرەك بولۇپ قالغان. 14-دېكابىر ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ماقۇللانغان قانۇن لايىھەسى دەل ئىككى نۇسخىدىكى قانۇن لايىھەسىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈپ ماسلاشتۇرۇلغان مۇكەممەل نۇسخىسى ئىكەن.

دېموكراتلار پارتىيەسى ئەزاسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مىكگوۋېرن سەيشەنبە تىۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىلەن بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسى توغرىسىدا ئورتاق پىكىرگە كەلگەنلىكىنى، پات يېقىندا ئاۋازغا قويۇپ، پىرېزىدېنت بايدېننىڭ ئىمزا قويۇشىغا يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاخىرقى ماسلاشتۇرۇلغان نۇسخىسىدا شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش قانۇنى كۈچكە ئىگە بولۇپ، 180 كۈندىن كېيىن رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىكەن. مەزكۇر قانۇن ئىككى پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدە 110 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1138 قېتىم كۆرۈلدى
16/12/2021 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق