ياپونىيە باش ۋەزىرى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا قاتنىشىش پىلانىم يوق

ياپونىيە ھۆكۈمىتى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش-قىلماسلىقى ھەققىدە ئېنىق قارار چىقارمىغان بولسىمۇ، باش ۋەزىر فۇمىئو كىشىدا بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدانىڭ 16-دېكابىر پارلامېنتتا ئۆزىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پىلانى يوقلۇقىنى ئېيتقانلىقى، ئۇنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشتىكى ئىپادىسىنىڭ غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا نىسبەتەن يۇمشاق بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئەمەلدارلىرىنىڭ 2-ئايدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ دىپلوماتىك بايقۇت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا ئەۋەتىش-ئەۋەتمەسلىك مەسىلىسى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. خىتاي تەرەپ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتىنى «سىياسىي پىلان، سىياسىي تۆھمەت» دەپ ئاتاپ، بۇ سەتچىلىكتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىتايدىن كېلىۋاتقان تەھدىتلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادىي جەھەتتىن يەنىلا خىتايغا تايىنىدىكەن.

ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرىكى خەۋىرىدە گەرچە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھازىرغىچە ھېچقانداق قارار چىقارمىغان بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشماسلىقى مۇمكىنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1183 قېتىم كۆرۈلدى
17/12/2021 15:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق