ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

15-دېكابىر ماراكەش سوت مەھكىمىسى ئۇيغۇر ياش ئىدرىس ھەسەن ھەققىدە ئاخىرقى قارارىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ماراكەش ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدىكى ماراكەش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار قاتناشقان بولۇپ، قوللىرىدا «ئىدرىس ھەسەنگە ئەركىنلىك!»، «ئىدرىس ھەسەن قويۇپ بېرىلسۇن!» دېگەن تۈركچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە شوئارلار يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن خەلق ئىدرىس ھەسەننىڭ  قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، شوئار توۋلىدى.

نامايىشتا ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىم نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، يولدىشىنىڭ خىتاي تۆھمىتىدە ئېيتىلغىنىدەك گۇناھكار ئەمەسلىكىنى، پەقەتلا خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ چىققانلىقىنى، ماراكەش ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ خىتاينىڭ تۆھمەتلىرىگە ئىشىنىپ قالغانلىقىنى، ماراكەش ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئىدرىس ھەسەن ھەققىدىكى سوت قارارى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە تەشكىلاتلار، پائالىيەتچىلەر خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى. ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ماراكەش ھۆكۈمىتىنى ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇش قارارىدىن يېنىشقا چاقىردى. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئىجتىمائىي ئۇچۇر سەھىپىسىدە ئىدرىس ھەسەننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى رەئىسىگە يەتكۈزگەنلىكىنى، تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى نامىدا تۈركىيەدىكى زور تەسىرگە ئىگە تەشكىلات ۋە شەخسلەر بىلەنمۇ كۆرۈشۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىدرىس ھەسەن بۇ يىل 19-ئىيۇل خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن كاسابىلانكا ئايرودۇرۇمىدا تۇتۇپ قېلىنغان. ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتى مىلاد كاندىل ئەپەندىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سوت مەھكىمىسى ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇشنى قارار قىلغان بولۇپ، سوتنىڭ قارارىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنغىلى بولمايدىكەن. ئەمما ئەھۋالنى خەلقئارا تەن جازاسىغا تۇرۇش كومىتېتىغا مەلۇم قىلىش ۋاسىتىسى بىلەن، ئىدرىس ھەسەننى چېگرادىن قوغلاپ چىقارماسلىق ھەققىدە ھەرىكەت قىلىشقا بولىدىكەن. ئۇندىن باشقا يەنە بىر ئامال بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلار ئارقىلىق ئىدرىس ھەسەننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ماراكەش ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىش ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1507 قېتىم كۆرۈلدى
17/12/2021 17:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق